مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەن جېڭ 2019-يىللىق تەييۈەن ئېنېرگىيە تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات مۇنبىرىگە قاتناشتى

رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتىنى ئوقۇپ ئۆتتى ھەمدە ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى

2019.10.23 16:41 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ 22-ئۆكتەبىر 2019-يىللىق تەييۈەن ئېنېرگىيە تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات مۇنبىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتىنى ئوقۇدى ھەمدە ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مەخسۇس تەبرىك خېتى ئەۋەتىشى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئېنېرگىيەنىڭ تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ «تۆت ئىنقىلاب، بىر ھەمكارلىق» ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى يېڭى ئىستراتېگىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىستېمال ئىنقىلابىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېنېرگىيەنىڭ پاكىز، تۆۋەن كاربونلۇققا قاراپ تىپىنى ئۆزگەرتىشىنى تېزلىتىپ، ئېنېرگىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش دۆلىتى ۋە ئىستېمال دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو ئېنېرگىيە ئىنقىلابىنى داۋاملىق چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېنېرگىيەنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى پۇختا كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. بىز ئېنېرگىيە ئىستېمال ئىنقىلابىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېنېرگىيەدىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېنېرگىيە تېجەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېنېرگىيە تېجەر جەمئىيەت شەكىللەندۈرۈشنى تېزلىتىمىز؛ ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش ئىنقىلابىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، مەۋقەنى كۆپ مەنبەلىك تەمىنلەش، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىشقا قويۇپ، كۆپ ئىقتىدارلىق ئۆزئارا تولۇقلاش، ماس تەرەققىي قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىمىز؛ ئېنېرگىيە تېخنىكىسى ئىنقىلابىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاچقۇچلۇق تېخنىكىدا ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، ئېنېرگىيە بىلەن زامانىۋى ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى تېزلىتىمىز؛ ئېنېرگىيە تۈزۈلمىسى ئىنقىلابىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېنېرگىيەنى بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېنېرگىيە سېلىنمىسىنى كۆپ مەنبەلەشتۈرۈشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، نېفىت- گاز تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېنېرگىيە باھاسىنىڭ شەكىللىنىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ