خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7- نۆۋەتلىك دۇنيا ھەربىيلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 10- ئاينىڭ 18- كۈنى كەچتە خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە داغدۇغىلىق باشلاندى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى.
بۇ مەزگىلدە، مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى ۋە شىنخۇا تورى نەق مەيداندىن بىۋاسىتە كۆرسىتىش قىلدى ۋە قىلىدۇ، خەلق تورى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تورى، جۇڭگو تورى، جۇڭگو ھەربىي ئىشلار تورى قاتارلىق مەركەزنىڭ نۇقتىلىق ئاخبارات تور بېكەتلىرى ۋە خەلق گېزىتى ئابونتلار تېرمىنالى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئابونتلار تېرمىنالى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات تېرمىنالى قاتارلىق يېڭى تاراتقۇ سۇپىلىرى بۇ جەرياننى ماس قەدەمدە ئۇلاپ كۆرسىتىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ