مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ ئىختىساسلىقلارنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈپ، پەن-تېخنىكىنى يېزىلارغا چۈشۈشۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلارغا مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پەن-تېخنىكا ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە ياردەم بېرىش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى

2019.10.22 15:54 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ پەن-تېخنىكا ئالاھىدە خادىمى تۈزۈمى يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق كۆرسەتتى: پەن-تېخنىكا ئالاھىدە خادىمى تۈزۈمى يولغا قويۇلغان 20 يىلدىن بۇيان، ئىختىساسلىقلار پەن-تېخنىكىنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قوشۇن ئۈزلۈكسىز زورىيىپ، پارتىيەنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» سىياسىتىنىڭ تەشۋىقات ئەترىتى، يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسىنى تارقاتقۇچى، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەشنىڭ باشلامچىسى، يېزا- كەنتلەردە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشنىڭ باشلامچىسى بولۇپ، كەڭ دېھقانلارنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىغا ئىگە قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭىلىق يارىتىش − يېزا-كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنىڭ مۇھىم تىرىكى. پەن-تېخنىكا ئالاھىدە خادىمى تۈزۈمىنى پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئىختىساسلىقلارنىڭ يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە مۇلازىمەت قىلىشىدىكى مۇھىم خىزمەت سۈپىتىدە يەنىمۇ ئەمەلىي، ياخشى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. كەڭ پەن-تېخنىكا ئالاھىدە خادىملىرى ئەسلىي مەقسەتتە چىڭ تۇرۇپ، پەن-تېخنىكا ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە ياردەم بېرىش داۋامىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  پەن-تېخنىكا ئالاھىدە خادىمى تۈزۈمى يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى خۇلاسىلەش يىغىنى 21-ئۆكتەبىر بېيجىڭدا ئېچىلدى، يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى يەتكۈزۈلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ