مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلقنىڭ بەختىنى كۆزلەش: يېڭى جۇڭگونىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان 70 يىل

(2019- يىلى 9- ئاي)

2019.09.23 16:17 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى

  كىرىش سۆز

  2019-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىق خاتىرە كۈنى. مەيلى جۇڭگو ياكى دۇنيا ئۈچۈن بولسۇن، بۇ كۈن ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە. چۈنكى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغىنىغا 70 يىل بولغاندا، جۇڭگو خەلقىنىڭ تۇرمۇشى تېخىمۇ بەختلىك بولدى؛ چۈنكى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغىنىغا 70 يىل بولغاندا، بىزنىڭ دۇنيارىمىز تېخىمۇ گۈللىنىپ راۋاجلاندى؛ چۈنكى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغىنىغا 70 يىل بولغاندا، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى تېخىمۇ رەڭدار بولدى.

  70 يىل ئىلگىرى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو خەلقى قەد كۆتۈرۈپ ئازاد بولدى ۋە ئۆزىگە ئۆزى غوجايىن بولدى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىل − جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان 70 يىل؛ يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىل − جۇڭگو خەلقىنىڭ تۈرلۈك ئاساسىي ھوقۇقلىرىغا كۈنسېرى ھۆرمەت قىلىنغان ۋە كاپالەتلىك قىلىنغان 70 يىل؛ يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىل − جۇڭگو دۇنيا ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تۆھپە قوشقان 70 يىل.

  خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى − ئەڭ چوڭ كىشىلىك ھوقۇق. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى دۇنياغا كەلگەن كۈندىن باشلاپ خەلقنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى كۆزلەشنى كۈرەش نىشانى قىلدى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات تەجرىبىلىرىنى ئۈزلۈكسىز يەكۈنلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە ئىنسانىي ھوقۇقنىڭ ئومۇمىيلىق پىرىنسىپى بىلەن ئۆز ئەمەلىيىتىنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلغان ئىنسانىي ھوقۇق ئىدىيەسىنى يۈرگۈزۈپ، ياشاش ھوقۇقى، تەرەققىيات ھوقۇقىنى باشتىن-ئاخىر ئەڭ مۇھىم ئاساسىي ئىنسانىي ھوقۇق قىلىپ، پۈتكۈل خەلقنىڭ تۈرلۈك ھوقۇقلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈردى. تارىخ ۋە رېئاللىق شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىنسانىي ھوقۇق تەرەققىيات يولىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك مېڭىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ خىللىقىنى بېيىتتى.

  خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مۇھىم بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يېڭى جۇڭگو تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، ئورتاق پايدا ئېلىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەمكارلىق ئارقىلىق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەرەققىيات ئارقىلىق ئىنسانىي ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، دۇنيا ئىنسانىي ھوقۇقنى ئىدارە قىلىشقا ئومۇميۈزلۈك قاتنىشىپ، دۇنيا ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ