مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىز ئامېرىكىنىڭ شياڭگاڭغا چېتىشلىق تەكلىپلەرنى قاراپ چىقىشىغا ئىنكاس قايتۇردى

«شياڭگاڭ مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچى ئۇنسۇرلىرىغا يانتاياق بولۇشنى توختىتىش كېرەك

2019.09.20 16:07 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ 19-سېنتەبىر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكا تەرەپنىڭ شياڭگاڭغا چېتىشلىق تەكلىپلەرنى قاراپ چىقىشنى دەرھال توختىتىپ، شياڭگاڭدىكى زوراۋان رادىكال كۈچلەر ۋە «شياڭگاڭ مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچى ئۇنسۇرلىرىغا يانتاياق بولۇشنى توختىتىشقا دەۋەت قىلىدۇ.

  شۇ كۈندىكى قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا، بىر مۇخبىر مۇنداق دەپ سورىدى: خەۋەرلەرگە قارىغاندا، 18- سېنتەبىر ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى پېلوسى بىلەن ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئىككى پارتىيەدىن بولغان ئەزالىرى «2019-يىلىدىكى شياڭگاڭنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە قانۇن لايىھەسى» ھەققىدە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئاچقان ھەمدە خۇاڭ جىفېڭ، خې يۈنشى قاتارلىقلارنى تەكلىپ قىلغان. پېلوسى كېڭەش پالاتاسى ۋە ئاۋام پالاتاسىدا ئىككى پارتىيەدىكىلەرنىڭ ھەممىسى بۇ قانۇن لايىھەسىنى قوللايدۇ، دېگەن. جۇڭگو بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟

  گېڭ شۇاڭ مۇنداق دېدى: يېقىندا جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكا تەرەپنىڭ شياڭگاڭنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشقان خاتا سۆز-ھەرىكىتى توغرىسىدا كۆپ قېتىم كەسكىن مەيدانىنى ئىپادىلىدى. پېلوسى قاتارلىق سىياسەتۋازلار يەنىلا ھەق- ناھەقنى ئايرىماي، ئوچۇقتىن-ئوچۇق مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئېچىپ، شياڭگاڭغا چېتىشلىق تەكلىپلەرنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت سالدى ھەمدە «شياڭگاڭ مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، شياڭگاڭنىڭ ئىشلىرىدا قالايمىقان سۆزلەپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشتى، جۇڭگو بۇنىڭغا قاتتىق نارازى ۋە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ.

  گېڭ شۇاڭ: «مەن شۇنى تەكىتلەيمەنكى، شياڭگاڭنىڭ ئىشلىرى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا تەۋە، ھەرقانداق تاشقى كۈچلەرنىڭ ئارىلىشىشىغا بولمايدۇ»، دېدى.

  گېڭ شۇاڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكىنى خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئاساسىي مىزانىغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھەقىقىي ھۆرمەت قىلىپ، شياڭگاڭنىڭ ئىشلىرىغا ھەرقانداق شەكىل بىلەن ئارىلىشىشنى دەرھال توختىتىشقا، شياڭگاڭغا چېتىشلىق تەكلىپلەرنى قاراپ چىقىشنى دەرھال توختىتىشقا، شياڭگاڭدىكى زوراۋان رادىكال كۈچلەر ۋە «شياڭگاڭ مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىرىگە يانتاياق بولۇشنى دەرھال توختىتىشقا، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان سۆز-ھەرىكەتلەرگە يانتاياق بولۇشنى دەرھال توختىتىشقا كۈچلۈك دەۋەت قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ