مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«دۇنيادا پەقەت بىرلا جۇڭگو بار» (سەلتەنەتلىك 70 يىل كۈرەشچان يېڭى دەۋر يېڭى جۇڭگونىڭ قاينام - تاشقىنلىق يىللىرى)

2019.09.20 15:44 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو ھۆكۈمىتى باشتىن - ئاخىر تەيۋەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئىشنى تاماملاشنى ئۆزىنىڭ مۇقەددەس بۇرچى قىلدى. دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداشتىكى ھەققانىي كۈرەشتە بىر جۇڭگو پىرىنسىپىنى شەكىللەندۈردى.

  20 - ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت جۇڭگو خەلقىنىڭ تەيۋەننى ئازاد قىلىشتىكى ئىككى خىل ئۇسۇلى، يەنى ئۇرۇش قىلىش ۋە تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى ئوتتۇرىغا قويدى. «جۇڭگو خەلقى ئىمكانىيەت بار شارائىتتا، تىنچ ئۇسۇلدا تەيۋەننى ئازاد قىلىشقا تىرىشىدۇ» «تىنچ سۆھبەتلىشىش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، تەيۋەننى قايتىدىن ۋەتەننىڭ قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىپ، قورال كۈچى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىدۇ». لېكىن تۈرلۈك ئامىللارنىڭ چەكلىمىسىدە، بۇ تەشەببۇس ئەمەلگە ئاشمىدى.

  1958 - يىلى 10 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، ماۋزېدۇڭ تەييارلىغان، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى پېڭ دېخۇەي ئېلان قىلغان «تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا مۇراجىئەتنامە»دە «ھەممىمىز جۇڭگولۇق، ئوتتۇز ئالتە تەدبىرنىڭ ئىچىدە تىنچلىق ھەممىدىن ئەلا» «دۇنيادا پەقەت بىرلا جۇڭگو بار، ئىككىنچىسى يوق» دەپ ئاشكارا كۆرسەتتى.

  1958 - يىلى 10 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، ماۋ زېدۇڭ بىر قېتىملىق سۆھبەتتە جياڭ جېشى ئاتا - بالا ئىككىسىنىڭ ئامېرىكىغا قارشى تۇرسىلا ئۇلار بىلەن ھەمكارلاشساق بولىدىغانلىقىنى؛ تەيۋەن، پېڭخۇ، جىنما، مازۇ رايونلىرى پۈتۈنلەي قايتىپ كەلسە، ئەسلىدىكى تۇرمۇش ئۇسۇلى بويىچە ياشىسا بولىدىغانلىقى، ئارمىيەنى ساقلاپ قېلىپ، داۋاملىق ئۈچ مەسلەكنى يولغا قويسا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 1960 - يىلى 5 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، جوۋ ئېنلەي سۆھبەتلىشىش روھىنى «بىر پىروگرامما، تۆت تۈر»گە يىغىنچاقلىدى ۋە جاڭ جىجۇڭ ئارقىلىق 1963 - يىلى 1 - ئاينىڭ 4 - كۈنى چېن چېڭغا يېزىلغان خەتنى تەيۋەن تەرەپكە يەتكۈزۈپ بەردى.

  بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، تەيۋەن مەسىلىسىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش، تەيۋەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بېرىپ، «تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈش، بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» فاڭجېنىنى بېكىتىش ئۈچۈن سىياسىي ئاساس سالدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 18 - كۈنى تېلېگراممىسى

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ