مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

11- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى

يوۋ چۈەن تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ يېپىلغانلىقىنى جاكارلىدى، باتېر قاتناشتى

2019.09.17 15:30 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:11- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 16- چېسلا خېنەن ئۆلكىسىنىڭ جېڭجوۋ شەھىرىدە ئاياقلاشتى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى يۇ چۈەن يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ يېپىلغانلىقىنى جاكارلىدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى باتېر يىغىنغا قاتناشتى.

  سائەت 20 دە، جېڭجوۋ شەھەرلىك ئولىمپىك تەنتەربىيە مەركىزىنىڭ تەنتەربىيە مەيدانىدا چىراغلار چاقناپ تۇراتتى. 11- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمى بۇ يەردە ئۆتكۈزۈلدى. مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ھەر مىللەت تەنھەرىكەتچىلىرى، تىرېنېرلار ۋە مېھمانلار بۇ نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى خۇشال ۋە ئىناق كەيپىياتتا تەبرىكلىدى. دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى گۇ جۇڭۋېن يېپىلىش نۇتقى سۆزلىدى. يېپىلىش مۇراسىمىغا خېنەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى يۈ خۇڭچيۇ رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يېپىلىش مۇراسىمىدا، 11- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ «تەنتەربىيە ئەخلاق-پەزىلەت مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئىسىملىكى ئوقۇپ ئۆتۈلدى.

  يېپىلىش مۇراسىمىدا يەنە مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بايرىقىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش-ئۆتكۈزۈۋېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن، 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 2023- يىلى خەينەن ئۆلكىسىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.

  بۇ نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى قېتىم ئوتتۇرا قىسىم رايونلاردىكى ئۆلكىلەردە ئۆتكۈزۈلۈشى بولۇپ، ئۇنىڭدا 31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى، ئازادلىق ئارمىيە ۋە تەيۋەن قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن 34 ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ 7009 تەنھەرىكەتچىسى 17 تۈرلۈك مۇسابىقە تۈرى ۋە 194 ئويۇن تۈرىنى تالاشتى. تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەزگىلىدە يەنە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە مەدەنىيىتى كۆرگەزمىسى، مىللەتلەر بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلدى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ