لى كېچياڭ بېيجىڭدىن ئايرىلىپ رۇسىيە سەپىرىنى باشلاپ، سانت پېتىربۇرگقا يېتىپ باردى

2019.09.17 16:04 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ رۇسىيە فېدراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ زۇڭلىسى مېدۋېدېۋنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، شۇ جاي ۋاقتى 16-سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن سانت پېتىربۇرگتىكى پېلكوۋو ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ بېرىپ، رۇسىيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولۇشى ھەمدە جۇڭگو-رۇسىيە زۇڭلىلىرىنىڭ 24- قېتىملىق قەرەللىك ئۇچرىشىشىنى باشلىدى.

  لى كېچياڭ مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن يېتىپ بارغاندا، رۇسىيە تەرەپ ئايرودۇرۇمدا لى كېچياڭنى قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو-رۇسىيە ئىككى دۆلەت شېئىرىنى ئورۇندىدى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت بايرىقى شامالدا لەپىلدىدى. لى كېچياڭ رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا ھۆرمەت قاراۋۇللىرىنى كۆزدىن كەچۈردى.

  زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ رەپىقىسى چېڭ خۇڭ، دۆلەت كومىسسارى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى قاتارلىقلارمۇ شۇ ئايرۇپىلاندا يېتىپ باردى. ئالدىن يېتىپ بېرىپ جۇڭگو-رۇسىيە زۇڭلىلىرىنىڭ قەرەللىك ئۇچرىشىشىغا قاتناشقان گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى سۈن چۈنلەن، خۇ چۈنخۇا ئايرودرومغا چىقىپ كۈتۈۋالدى. جۇڭگونىڭ رۇسىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جاڭ خەنخۇيمۇ ئايرودرومغا چىقىپ كۈتۈۋالدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ