«ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى باشلانغاندىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر تارىخىي تەپەككۇر ۋە مۇستەھكەم ئېتىقاد بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ ۋە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۈزلۈكسىز پىلانلاپ، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئوڭۇشلۇق قانات يايدۇرۇلۇشىنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەتكە ئىگە قىلدى. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى باشقا يولداشلارمۇ خىزمەتكە بىرلەشتۈرۈپ، باش تېما تەربىيەسىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلدى.
باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە كۆرسىتىپ ئومۇمىيەتنى كۆزلەش، ياخشى تەربىيە ئارقىلىق كىشىلەر قەلبىنى ئىللىتىش
يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جايلار، تارماقلار ۋە ئورۇنلار ئىدىيىۋى ئاڭنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ، تۈزىتىش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ئۇنى قەدەممۇقەدەم چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى.
ئۆزى ئۈلگە بولۇش، يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچىلىق قىلىش
باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى باشقا يولداشلار يىغىن ئېچىش، ئاساسىي قاتلامنى كۆزدىن كەچۈرۈش، يوليورۇق ۋە تەستىقىي يوليورۇقلارنى بېرىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، باش تېما تەربىيەسىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشىغا كۈچلۈك يېتەكچىلىك قىلدى ۋە تۈرتكە بولدى.
گەرچە تومۇز مەزگىلى بولسىمۇ، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى ئىللىق باھار شامىلىدىن ھۇزۇرلانغاندەك بولدى.
7- ئاينىڭ 16- كۈنى، ئىچكى موڭغۇلدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەن باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ يەرگە كېلىپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلدى.
ئۇ كۆرگەزمە تاختىسىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، بىر تەرەپتىن ئاڭلاپ، بىر تەرەپتىن خىزمەتچى خادىملاردىن سورىدى، ھەمدە خىزمەتچى خادىملار بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ كەڭ پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارغا نەسىھەت قىلىپ مۇنداق دېدى: ئۆگىنىشتە شەكىلۋازلىق قىلىشقا بولمايدۇ، ئالدىراڭغۇلۇق قىلىشقا بولمايدۇ، كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن يىغىلىۋەرسە، ئۇنىڭدىن چوقۇم ئۈنۈم ھاسىل بولىدۇ، چۈشىنىش بارغانسېرى چوڭقۇرلىشىدۇ. بۇنىڭدا، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئۈنۈمىنى ئىشلارنى تەكشۈرۈشنىڭ ئۆلچىمى قىلىش كېرەك.
سەمىمىي ئۈمىدلەر ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ روھىنى ئۇرغۇتۇش، سەمىمىي تەلىملەرنى بېرىش ئارقىلىق كىشىلەر قەلبىنى ئىللىتىش
تۇنجى تۈركۈمدىكى«ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش باسقۇچىنىڭ ۋاقتى يېرىمدىن ئاشقاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە ئۆزى بىۋاسىتە ھالدا ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگە بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ ۋە يېتەكچىلىك قىلىپ، باش تېما تەربىيەسىنى يەنىمۇ ياخشى قانات يايدۇرۇشنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بېرىپ، ئۇنىڭغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى.
مەنبە: خەلق تورى