مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو قانۇن ئىلمىي جەمئىيىتى قانۇن ئىدارە قىلىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

يۇقىرى ھاۋا بوشلۇقىدىن نەرسە تاشلاش قانۇنغا خىلاپ قىلمىشتۇر، دەپ ئېنىق بەلگىلەش كېرەك

2019.08.26 16:06 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:8-ئاينىڭ 23- كۈنى، جۇڭگو قانۇن ئىلمىي جەمئىيىتى يۇقىرى ھاۋا بوشلۇقىدىن نەرسە تاشلاش ۋە نەرسە چۈشۈپ كېتىش توغرىسىدا قانۇن ئىدارە قىلىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى، ھەرقايسى تەرەپلەردىن كەلگەن قانۇن خىزمەتچىلىرى يىغىنغا قاتنىشىپ پىكىر بايان قىلدى.

  يۇقىرى ھاۋا بوشلۇقىدىن نەرسە تاشلاش ۋە نەرسە چۈشۈپ كېتىشنى تۈزەش مەسىلىسىگە قارىتا، يىغىنغا قاتناشقانلار بىردەك مۇنداق دەپ قارىدى: سىستېمىلىق ئىدارە قىلىش، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ھەر تەرەپلىمە تۈزەش ۋە مەنبەدىن تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى ھاۋا بوشلۇقىدىن نەرسە تاشلاشتەك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار ۋە نەرسە چۈشۈپ كېتىشتەك خەتەرلىك قىلمىشلارنى قانۇن جەھەتتە ئېنىق مەنئى قىلىش، قانۇن چىقىرىش، قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش ۋە قانۇنغا رىئايە قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە بۇ خىل قىلمىشلارنىڭ خەۋپ-خەتىرىنى تولۇق تونۇپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرگە قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك.

  يىغىندا، قانۇن چىقىرىشنىڭ يېتەكلەش ۋە تۈرتكە بولۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئامانلىق ساقلاش ئىشلىرى بويىچە باشقۇرۇش ۋە جازالاش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، يۇقىرى ھاۋا بوشلۇقىدىن نەرسە تاشلاش قاتارلىق جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خىلاپ قىلمىشلارنى ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش، دەپ بېكىتىش ھەمدە جازالاش تەدبىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، يۇقىرى ھاۋا بوشلۇقىدىن نەرسە چۈشۈپ كېتىش ئەھۋالىغا ئالاقىدار كىشىلەردىن ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش شەكىللەندۈرگەنلىرىگىمۇ ئېنىق جازا بېرىش تەكلىپى بېرىش كېرەك؛ ھەق تەلەپ قانۇن كودېكسى چىقىرىش جەريانىدا، يۇقىرى ھاۋا بوشلۇقىدىن نەرسە تاشلاش ۋە نەرسە چۈشۈپ كېتىش توغرىسىدا تېخىمۇ قاراتمىلىقى بولغان بەلگىلىمە چىقىرىلىپ، ئالاقىدار خادىملارنىڭ ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك؛ جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمە لايىھەسىدە، تاشلانغان بۇيۇمنىڭ تۈرى ۋە ئېغىرلىقى، تاشلىغان ئېگىزلىكى قاتارلىقلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇش شەرتى ئاستىدا، يۇقىرى ھاۋا بوشلۇقىدىن نەرسە تاشلاش قىلمىشىنى جىنايى ئىشلار جىنايىتى قاتارىدا جازالاش تەكلىپى بېرىلدى.

  يىغىندا مۇنداق تەكلىپ بېرىلدى: جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى يۇقىرى ھاۋا بوشلۇقىدىن نەرسە تاشلاش ۋە نەرسە چۈشۈپ كېتىش دېلولىرىنى تەكشۈرۈش ۋە تەھقىقلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئالاقىدار دېلولارغا مەسئۇل كىشىلەرنى قانۇن بويىچە ۋاقتىدا ۋە توغرا ئېنىقلاپ، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ