8-ئاينىڭ 18- كۈنى، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ تاراتقۇلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە، ئۆزىنىڭ 8 مىليارد ئامېرىكا دوللارلىق F-16V ئۇرۇش ئايروپىلانىنى تەيۋەنگە سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇنىڭغا قارىتا، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ۋۇ چيەن 23- چېسلا ئىپادە بىلدۈرۈپ، جۇڭگو ئارمىيەسى بۇنىڭغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرىدۇ ۋە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، دېدى، ھەمدە ئامېرىكا تەرەپ بىلەن كەسكىن سۆزلەشتى ۋە ئېتىراز بىلدۈردى.
ۋۇ چيەن مۇنداق دېدى: تەيۋەن جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى. ئامېرىكا تەرەپ تەيۋەنگە قورال سېتىش ئارقىلىق، بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ۋە جۇڭگو-ئامېرىكا ئۈچ قوشما ئاخباراتىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئېغىر دەرىجىدە ئارىلىشىپ، جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە بىخەتەرلىك مەنپەئىتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزدى، جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى دۆلەت ئارمىيەلىرىنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزدى، تەيۋەن بوغۇزى رايونىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزدى، بۇ تامامەن خاتا، شۇنداقلا ئىنتايىن خەتەرلىك.
ۋۇ چيەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تەيۋەن مەسىلىسى جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە مۇناسىۋەتلىك، سىرتتىن كەلگەن ھەرقانداق كۈچنىڭ ئارىلىشىشقا يول قويمايدۇ. جۇڭگونى پارچىلاشنىڭ ھەرقانداق سۇيىقەستىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن ئەمەس، جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىش مەسىلىسىدىكى ئېغىر خەۋپنى تولۇق تونۇپ، ۋەزىيەتنى ئېنىق تونۇپ، تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىشتەك يۇقىرىدەك پىلانىنى دەرھال ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئامېرىكا بىلەن تەيۋەننىڭ ھەربىي ئالاقىسىنى دەرھال توختىتىپ، جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى دۆلەت ئارمىيەلىرىنىڭ مۇناسىۋىتى ۋە تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزۈشتىن ساقلىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ. جۇڭگو ئارمىيەسى قەتئىي ئىرادە، تولۇق ئىشەنچ ۋە يېتەرلىك ئىقتىدارغا ئىگە، ھەرقانداق شەكىلدىكى تاشقى كۈچلەرنىڭ ئارىلىشىش سۈيقەستى ۋە «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىك قىلمىشىنى مەغلۇپ قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ بىرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى، تەيۋەن بوغۇزى رايونىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغدايدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ