خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:
«گوۋۇيۈەن ئىلمىي ئۇنۋان كومىتېتى بىلەن بېيجىڭ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى 27-ماي چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا، بىرلىكتە دوكتور ۋە ماگىستىرلىق ئۇنۋانى بېرىش يىغىنى ئاچتى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى قاتارلىق ئورۇنلار دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن 18 كىشىگە ‹دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋان گۇۋاھنامىسى› تارقىتىپ بەردى».
1983-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى، «خەلق گېزىتى»نىڭ 1-بېتىدە «ئېلىمىزنىڭ مائارىپ تارىخى ۋە پەن- تېخنىكا تەرەققىيات تارىخىدا تەبرىكلەشكە ئەرزىيدىغان چوڭ ئىش − پايتەختتە دوكتۇر ۋە ماگىستىرلىق ئۇنۋانى بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى» دېگەن تېمىدا خەۋەر بېسىلدى.
شۇ كۈنىدىكى خەلق گېزىتىدە يەنە بۇ ئىش توغرىسىدا خەۋەر ئېلان قىلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «ئازادلىقتىن كېيىن، بىز ھەرقايسى تەرەپلەردىكى زور بىر تۈركۈم ئىختىساسلىق خادىملارنى يېتىشتۈردۇق، جۈملىدىن ۋەتەننىڭ ئىلىم-پەن ئىشلىرى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشقان بەزى ئالىملارنى يېتىشتۈردۇق. لېكىن، دۆلەت ئىلمىي ئۇنۋان تۈزۈمىنى ئورناتمىغاچقا، ئۇلارغا ئىلمىي ئۇنۋان بېرىلمىگەن ئىدى». دۆلىتىمىز 1980-يىلى ئىلمىي ئۇنۋان تۈزۈمىنى ئورناتقاندىن بۇيان، ئۆزىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ دوكتور ۋە زور بىر تۈركۈم ماگىستىرلارنى تەربىيەلىدى ۋە ئۇنۋان بەردى، بۇ، يېڭى جۇڭگو تارىخىدا تۇنجى قېتىم بولدى. بۇ، ئېلىمىزنىڭ مائارىپ تارىخى ۋە پەن-تېخنىكا تەرەققىيات تارىخىدا تەبرىكلەشكە ئەرزىيدىغان چوڭ ئىش بولدى.
خەۋەر ئۇلىنىشى
ئاسپىرانتلىق مائارىپى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن 40 يىلدا، ئېلىمىزنىڭ ئاسپىرانتلىق ئىلمىي ئۇنۋان بېرىش مىقدارى زور دەرىجىدە ئاشتى، 1981-يىلىدىن 2017-يىلىغىچە، ئېلىمىز ماگىستىر، دوكتورلۇق ئۇنۋانى بەرگەنلەرنىڭ سانى 8 مىليوندىن ئېشىپ كەتتى، يېقىنقى 10 يىلدا ئېلىمىزنىڭ ئاسپىرانتلىق ئىلمىي ئۇنۋان بېرىش مىقدارى ئىلگىرىكى يىللاردىكى ئومۇمىي ساننىڭ %80ىنى ئىگىلىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىز ئاسپىرانتلارنى تەربىيەلەش مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش سۈپىتىنى ئۆستۈردى. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2012-يىلىدىن 2017- يىلىغىچە، مەملىكەت بويىچە جەمئىي 446 مىڭ دوكتور قوبۇل قىلىنغان، 326 مىڭ دوكتور ئوقۇش پۈتكۈزگەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ