مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

بېيجىڭدا جەملىمە نومۇر بويىچە نوپۇسقا ئالدۇرۇشنى بۇ يىل بىر تور ئارقىلىق بېجىرىشكە بولىدىغان بولدى

كۆلىمى يەنىلا 6000 ئادەم بولۇپ، ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىش تەرتىپى تېخىمۇ قولايلىشىدۇ

2019.05.21 16:13 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ شەھىرىنىڭ 2019- يىللىق جەملىمە نومۇر بويىچە نوپۇسقا ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىش خىزمىتى 5- ئاينىڭ 22- كۈنى رەسمىي باشلىنىدۇ.

  2018-يىلى، بېيجىڭ شەھىرى تۇنجى تۈركۈمدە جەملىمە نومۇر بويىچە نوپۇسقا ئالدۇرۇش خىزمىتى قانات يايدۇردى، 6019 ئادەم ئېلان قىلىش ئارقىلىق نوپۇسقا ئالدۇرۇش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى. ھازىرغىچە، 5625 ئادەم نوپۇسقا ئېلىندى، 4405 ئادەم بىللە كۆچۈرۈپ كېلىندى، ئەمەلىيەتتە،10 مىڭ 30 ئادەم نوپۇسقا ئېلىندى. جەملىمە نومۇر بويىچە نوپۇسقا ئالدۇرۇش بولسا، ئۇزاق مۇددەت بېيجىڭدا قانۇنلۇق مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىش، قانۇنلۇق مۇقىم ئولتۇراقلىشىش ۋە شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئادەتتىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ ئاشكارا ۋە ئادىل ھالدا نوپۇسقا ئالدۇرۇش يولىنىڭ بىرىگە ئايلاندى.

  5- ئاينىڭ 16- كۈنى، بېيجىڭ شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى ئېلان قىلغان خەۋەرگە قارىغاندا: بېيجىڭ شەھىرىنىڭ 2019- يىللىق جەملىمە نومۇر بويىچە نوپۇسقا ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىش خىزمىتى 5- ئاينىڭ 22- كۈنى رەسمىي باشلىنىدىكەن، ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىش مۇددىتى 60 كۈن ئىكەن. ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا، بۇ يىلقى ئىلتىماس قوبۇل قىلىش باسقۇچىدا نەق مەيداندا تەكشۈرۈش ھالقىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ۋەدە بېرىپ تەكشۈرۈش ۋە كېيىنكى قەدەمدە تەكشۈرۈش ئۇسۇلى قوللىنىلىپ، ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىش تەرتىپى تېخىمۇ قولايلىشىدىكەن.

  سالاھىيەت شەرتى ۋە جەملىمە نومۇر بويىچە نوپۇسقا ئالدۇرۇشنىڭ كۆرسەتكۈچى ئۆزگەرمەيدۇ، لېكىن، ئايرىم كۆرسەتكۈچنىڭ مەشغۇلات ئۇسۇلى سەل تەڭشىلىدۇ

  ئاممىنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى بۇ يىل بېيجىڭ شەھىرىنىڭ جەملىمە نومۇر بويىچە نوپۇسقا ئالدۇرۇشنىڭ كۆلىمىدە ئۆزگىرىش بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقىدا. بۇنىڭغا قارىتا، بېيجىڭ شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: جەملىمە نومۇر بويىچە نوپۇسقا ئالدۇرۇش سىياسىتىنى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇش مەزگىلدە، بېيجىڭدا جەملىمە نومۇر بويىچە نوپۇسقا ئالدۇرۇش كۆلىمى 6000 ئادەم بولۇپ،بۇنىڭدا، نومۇر بىلەن تەڭ نوپۇسقا ئالدۇرۇش يولغا قويۇلۇپ، سىياسەتنىڭ ئىزچىللىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاش ئۈچۈن، ھەر يىلى نوپۇسقا ئالدۇرۇش كۆلىمى مۇشۇ سەۋىيەدە مۇقىملاشتى.

  سالاھىيەت شەرتى ۋە جەملىمە نومۇر بويىچە نوپۇسقا ئالدۇرۇش كۆرسەتكۈچى جەھەتتە، 2019- يىلىدىكى ئوتتۇرا ھېسابتا ئۆزگىرىش بولمايدۇ، لېكىن، ئايرىم كۆرسەتكۈچلەرنىڭ مەشغۇلات ئۇسۇلى سەل تەڭشىلىدۇ. كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، يەنە تۆۋەندىكىدەك تۆت تۈرلۈك سالاھىيەت شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان بولۇش: يەنى، («بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى» بولۇش؛ قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيە يېشىدىن ئېشىپ كەتمىگەن بولۇش؛ بېيجىڭدا ئۇدا يەتتە يىل ۋە ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تاپشۇرغان بولۇش؛ جىنايى ئىشلار جىنايەت خاتىرىسى يوق بولۇش) دېگەندەك شەرتلەرگە توشىدىغانلار ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

  كۆرسەتكۈچ بويىچە بىر تەرەپ قىلىش مەشغۇلات ئۇسۇلى جەھەتتە، نۇقتىلىق ھالدا دۆلەتنىڭ شەخسىي تاپاۋەت بېجى جەھەتتىكى يېڭى قانۇنىنىڭ تەڭشىلىشىگە ماسلىشىپ، شەخسىي تاپاۋەت كۆرسەتكۈچىنىڭ كونكرېت مەشغۇلاتىنى بېكىتىش ئۇسۇلى مۇۋاپىق تولۇقلاندى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. بۇنىڭدا، ئەسلىدىكى «جەملىمە نومۇر بويىچە نوپۇسقا ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىش خىزمىتى باشلىنىشتىن ئىلگىرى ئۇدا ئۈچ تەبىئىي يىل ئىچىدە، ئىلتىماس قىلغۇچى ھەر ئايدا مائاش ياكى ئەمگەك-مۇلازىمەت ھەققى تاپاۋىتى بويىچە شەخسىي تاپاۋەت بېجى تاپشۇرۇشى، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن يىللىق تاپشۇرغان سوممىسى 100 مىڭ يۈەن ۋە ئۇنىڭدىن ئارتۇق بولۇشى كېرەك، باج پۇلىنى تولۇقلاپ تاپشۇرۇش ئىناۋەتسىز.» دېگەندەك كونىچە بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىدا تەڭشەش قىلىنىپ، ھازىرقىدەك ئۇسۇلغا، يەنى، «جەملىمە نومۇر بويىچە نوپۇسقا ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىش خىزمىتى باشلىنىشتىن ئىلگىرى ئۇدا ئۈچ تەبىئىي يىل ئىچىدە، ئىلتىماس قىلغۇچى ھەر يىلى مائاش ياكى ئەمگەك-مۇلازىمەت ھەققى تاپاۋىتى ياكى يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت تاپاۋىتى بويىچە شەخسىي تاپاۋەت بېجى تاپشۇرىدۇ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن يىللىق تاپشۇرغان سوممىسى 100 مىڭ يۈەنگە يەتكەن بولۇش ۋە ئۇنىڭدىن ئارتۇق بولۇش كېرەك، باج پۇلىنى تولۇقلاپ تاپشۇرۇش ئىناۋەتسىز.» دېگەن ئۇسۇلغا تەڭشىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ