مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئېچىپ

پۈتۈن پارتىيەدە «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» ئاساسىي تېما قىلىنغان تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، «چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تەرەققىيات يىرىك پىلانى پىروگراممىسى»غا قاراپ چىقىشنى تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

2019.05.14 16:11 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 13- ماي يىغىن ئېچىپ، بۇ يىل 6- ئايدىن باشلاپ، پۈتۈن پارتىيەدە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» ئاساسىي تېما تەربىيەسىنى ئىككى تۈركۈمگە بۆلۈپ قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلدى. يىغىندا «چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تەرەققىيات يىرىك پىلانى پىروگراممىسى» قاراپ چىقىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 19 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، پۈتۈن پارتىيەدە «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» ئاساسىي تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ روھى بىلەن مېڭىنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ ۋە خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تارىخىي بۇرچى ئۈچۈن تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا تىرىشىپ كۈرەش قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» ئاساسىي تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش يولداش، شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇغ ئىش ۋە ئۇلۇغ ئارزۇنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ چىقارغان مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما بولۇپ، پارتىيەمىز ئۈزلۈكسىز ئۆز-ئۆزىنى ئىنقىلاب قىلىپ، خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلابنى ئالغا سىلجىتىپ، «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش»تەك ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش، « تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈش، «ئىككى 100 يىل» كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: بۇ قېتىمقى ئاساسىي تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتا، ئىدىيە جەھەتتە پارتىيە قۇرۇش، نەزەرىيە جەھەتتە پارتىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىشىگە ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ۋە پارتىيەنىڭ پاكلىقىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان بارلىق مەسىلىلەرگە قەتئىي قارشى كۈرەش قىلىپ، پارتىيەمىزنى تىرىشىپ تېخىمۇ كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك؛ خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىۋى قاراش ۋە ئاممىۋى لۇشيەننى ئىدىيەدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، كونكرېت ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى سىنىپىي ئاساسى ۋە ئاممىۋى ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش كېرەك؛ پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلارنى مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، ئىگىلىك تىكلەش روھىنى ئۇرغۇتۇپ، پارتىيە 19 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى، بولۇپمۇ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ تۈرلۈك ۋەزىپىلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە يېتەكلەش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ