مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

لى كېچياڭ مەملىكەتلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش خىزمىتى ۋە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش خىزمىتى تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنىدا مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش يېڭى بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ ئېشىشىنىڭ ياخشى ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

2019.05.14 14:59 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش خىزمىتى ۋە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش خىزمىتى تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنى 13-ماي بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بەردى. تەستىقىي يوليورۇقتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش، بولۇپمۇ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىقتىسادنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ۋە ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم كاپالىتى. بۇ يىل ئىشقا ئورۇنلىشىش بېسىمى يەنىلا بىر قەدەر ئېغىر، بولۇپمۇ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ سانىدا يېڭى رېكورت يارىتىلىپ، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار بىر قەدەر كۆپ بولدى، جايلار، تارماقلار چوقۇم يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىنى ئەستايىدىل يولغا قويۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە كېڭەيتىشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، پۈتۈن يىللىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىشان، ۋەزىپىسىنى تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەر، دېھقان ئىشلەمچىلەر قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلىشىنى ياخشى تۇتۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن كىشىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇشى كېرەك. سودا مۇھىتىنى داۋاملىق ياخشىلاپ، كارخانىدىن ئىبارەت مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغۇچىنىڭ سۇبيېكىتلىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، باجنى كېمەيتىپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىش، كارخانىلارغا ياردەم بېرىش، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش قاتارلىق تۈرلۈك تەدبىرلەرنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ ئېشىشىنىڭ ياخشى ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. «ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يېڭىلىق يارىتىش»نىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى گۈللەنمە كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش يېڭى بوشلۇقىنى كېڭەيتىشى كېرەك. ئالىي كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ۋە كەسپىي ماھارەت ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئادەم كۈچىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىكى تىرەكلىك رولىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشى كېرەك. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى سۈن چۈنلەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خۇ چۈنخۇا يىغىنغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ