باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىسلاھات، ئېچىۋىتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىدىكى 40 «بىرىنچى»

تۇنجى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى مەخسۇس سوت مەھكىمىسى

2018.11.09 15:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى مەخسۇس سوت مەھكىمىسىنىڭ سوتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلغۇچىنىڭ يىغىسىنى كۆرۈشكە رازىمەنكى، ھەرگىزمۇ مۈلۈك ئىگىسىنىڭ ھەسرىتىنى كۆرگۈم يوق.» سودىيە تونىنى سېلىۋەتكەن سۇ چى قارىماققا بىر مېھرىبان بوۋايغىلا ئوخشايتتى، بىراق گەپ قىلسىلا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ۋە دېلولىرىدىن ئەگىپ كېتەلمەيتتى. «بەزى ئىشلار بىلەن جىق شۇغۇللانسا، كۆنۈپ قالىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن ئۆزگەرتىش تەس بولىدىكەن.» ئۇ بۇ يىلنىڭ بېشىدا يېڭىدىن پېنسىيەگە چىققان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا قېنىق چاي ئىچەتتى، تاماكىنى كۆپ چېكەتتى.

  تۇنجى قېتىم سۇ چىنى كۆرگىنىم ئالاھەزەل تۆت يىلنىڭ ئالدىدا ئىدى، ئۇ ۋاقىتمۇ ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ يۇقىرى پەللىسىدىكى ۋاقىتلىرى ئىدى. 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى، دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى مەخسۇس سوت مەھكىمىسى __ «بېيجىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى سوت مەھكىمىسى»نىڭ باش سوتچىسى سۇ چى ئۆزى باش سوتچىلىق ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىپ بولقىسىنى ئۇرۇپ، بۇ سوتنىڭ قۇرۇلغىنىدىن بۇيانقى تۇنجى دېلوغا سوت ئېچىپ سوت قىلدى. بىر دورىگەرلىك شىركىتى بىر تۈرلۈك كەشپىيات پاتېنت ھوقۇقىنىڭ كۈچكە ئىگە ياكى ئىگە ئەمەسلىكى توغرىسىدا دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى پاتېنت ئىشلىرىنى قايتا تەكشۈرۈش ھەيئىتىگە ئەرز سۇندى. بىردەمدىلا بېيجىڭ شەھىرى خەيدىيەن رايونى جاڭخۇا يولى 18-نومۇر دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى.

  «ئەمەلىيەتتە دېلونىڭ ئۆزى ئۇنچە مۇرەككەپ ئەمەس، لېكىن ئەھمىيىتى زور ئىدى!» ئەينى يىللاردىكى كۆرۈنۈشلەرنى ئېسىگە ئالغان سۇ چى ھاياجانىنى يوشۇرۇپ قالالمىدى، «سوت ئېلىمىزدىكى كۆپلىگەن <بىرىنچى>لەرنى يارىتىپلا قالماي، مۇھىمى دۇنياغا جۇڭگونىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتىشتىكى ئىرادىسىنى نامايان قىلدى.»

  ج ك پ 18-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ «بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى سوت مەھكىمىسى قۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىش» تەلىپى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ «بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇدا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى سوت مەھكىمىسى قۇرۇش توغرىسىدىكى قارارى»غا ئاساسەن 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى، بېيجىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى سوت مەھكىمىسى مەملىكەت بويىچە تۇنجى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى كەسپىي سوت قىلىش ئاپپاراتى بولۇپ رەسمىي قۇرۇلدى.

  «بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش سەۋىيەسى ۋە سالمىقى بىۋاسىتە پەن-تېخنىكا خادىملىرى ۋە كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ئىشەنچىسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى سوت مەھكىمىسىنىڭ قۇرۇلۇشى بىلىم مەشئىلىنى ياندۇردى دېيىشكىمۇ بولىدۇ.» تۇنجى قېتىملىق «ھوقۇق تۇتقۇچىسى» بولغان سۇ چىنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى بىلەن بولغان ھېكايىسى ئۇزۇن. 20 نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا، ئۇ مەملىكىتىمىز بويىچە تۇنجى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى سوت كوللېگىيەسىنىڭ باش سوتچىسى بولغاندىن باشلاپ بېيجىڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى بولۇش بۇ ۋەزىپىنىڭ ئۆزگىرىشىدەك ئاسان ئىش ئەمەس.

  «بېيجىڭ شەھەرلىك بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى سوت مەھكىمىسى مەملىكەت بويىچە تۇنجى پۈتكۈل تەشكىل بويىچە ئەدلىيە ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش سوت مەھكىمىسى بولۇپ، ئالدىن سىناق قىلىش بۇرچىنى زىممىسىگە ئالغان.» سۇ چى يەنە مۇنداق دېدى: «يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەممىسى سىزگە قاراپ تۇرىدۇ، بېسىم ناھايىتى چوڭ، چوقۇم ياخشى تەييارلىق قىلىپ، جەڭنى قاتتىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ!»

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر