سۈرەتتە: 11-ئاينىڭ 8-كۈنى بېيجىڭ غەربىي يولۇچىلار بېكىتىدە تارتىلغان ئوت ئۆچۈرۈش مانېۋىرى نەق مەيدانى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئاينىڭ 8-كۈنى، بېيجىڭ تۆمۈريول ساقچىلىرى، جۇڭگو تۆمۈريول بېيجىڭ ئىدارىسى گۇرۇھى شىركىتى، بېيجىڭ شەھەرلىك ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش ئىدارىسى بېيجىڭ غەربىي ۋوگزالىدا بىرلىشىپ «ئومۇمىي خەلق قاتنىشىش، ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش» تېمىسىدا «119» ئوت ئۆچۈرۈش تەشۋىقات ئېيى پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، ھەر قايسى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار «ۋوگزال كۈتۈمخانىسىدا تۇيۇقسىز ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن»دە ئوت ئۆچۈرۈش، تارقاقلاشتۇرۇش مانېۋىرىنى تەشكىللىدى ھەمدە يولۇچىلارغا 5000 پارچىدىن ئارتۇق ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىك بىلىملىرى تەشۋىقات ماتېرىيالى تارقاتتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى