باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>سۈرەتلىك خەۋەرلەر

قىرغۇچى-10 ناملىق ئايروپىلاننىڭ تۇنجى سىناق ئۇچقۇچىسى: قىرغۇچى-10 ناملىق ئايروپىلان ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن جەڭ ئېھتىياجىغا تېخىمۇ ئۇيغۇن كېلىدىغان بولدى

2018.11.08 17:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7- نويابىر چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو ھاۋا ئارمىيەسى 12- نۆۋەتلىك ئاۋىياتسىيە-ئالەم قاتنىشى كۆرگەزمىسى نەق مەيدانىدا «1- ئاۋغۇست» ۋە «قىزىل بۈركۈت»نىڭ تەڭ ئۇچۇشى جۇڭگو ئاۋىياتسىيە كۆرگەزمىسىدە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشۈش يىغىنى ئۆتكۈزدى. قىرغۇچى-10 ناملىق ئايروپىلاننىڭ تۇنجى سىناق ئۇچقۇچىسى ئىستارشىي پولكوۋنىك لېي چياڭ تۇنجى قېتىم ئاشكارا ھالدا قىياپەت كۆرسەتتى.

  ئىستارشىي پولكوۋنىك لېي چياڭ دۆلەت ئىچىدىكى 22 خىل تىپتىكى ئايروپىلاننى ھەيدەپ باققان بولۇپ، تاپشۇرۇلغان قىسىمنىڭ 20مىڭ نەچچە كۈرەشچى ئايروپىلانىنى سىناق قىلىپ ئۇچۇشتا ئۇچقان، 600 دىن ئارتۇق چەتئەللىك ئۇچقۇچىنى تەربىيەلىگەن، ھەمدە ئادەم ھەيدەيدىغان ئايروپىلاننىڭ 3500 سائەتلىك ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ 2000 سائەتلىك ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى تاماملىغان. 1998- يىلى 3- ئاينىڭ 23- كۈنى، لېي چياڭ جۇڭگو ئۆزى مۇستەقىل تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان قىرغۇچى -10 ناملىق كۈرەشچى ئايروپىلاننىڭ تۇنجى ئۇچۇش سىنىقىدا ئۇچۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان. ئۇنىڭدىن كېيىنكى يەتتە يىل ئىچىدە، لېي چياڭ قىرغۇچى - 10 ناملىق ئايروپىلاننىڭ بارلىق سىناق قىلىپ ئۇچۇرۇش ۋەزىپىسىنى تاماملاپ، ئۆز قولى بىلەن ئۇلارنى قىسىمغا تاپشۇرۇپ بەرگەن.

  2018- يىلى دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن 3- ئەۋلاد قىرغۇچى -10 ناملىق كۈرەشچى ئايروپىلاننىڭ تۇنجى قېتىملىق ئۇچۇشىنىڭ 20 يىللىقى. 2010- يىلى، ھاۋا ئارمىيەسى « 1- ئاۋغۇست» ئۇچۇش ماھارىتى كۆرسىتىش ئەترىتىقىرغۇچى- 10 ناملىق ماھارەت كۆرسىتىش ئايروپىلانىغا ئالماشتۇرۇلغان بولۇپ، ھازىرغىچە جۇڭگو ئاۋىياتسىيە كۆرگەزمىسىدە 5 قېتىملىق ئۇچۇش ماھارىتىنى كۆرسەتتى.

  بۇ نۆۋەتلىك ئاۋىياتسىيە كۆرگەزمىسىدە، ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ «1- ئاۋغۇست» ئۇچۇش ئەترىتى ماھارەت كۆرسىتىپ ئۇچۇش ھەرىكىتىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئۇچۇشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇپ، كۈچەپ ئۇچۇش، چوڭ كۆتۈرۈلۈش بۇلۇڭى بويىچە يۇقىرى ئۆرلەش، ئالتە ئايروپىلاننىڭ ئۈچ بۇرجەك ئەترىتى چوڭ يانتۇلۇق بويىچە ئايلىنىش، ئالتە ئايروپىلاننىڭ تۆۋەنگە چېچەك چېچىشى قاتارلىق ئالاھىدە ماھارەتلىك ھەرىكەتلەرنى كۆرسەتتى، شۇنىڭ بىلەن، بۇ ماھارەتتىكى ئويۇنى كىشىلەرنى تېخىمۇ تاماشا قىلدۇرۇش ۋە ئۇلاردا كۆرۈپ زوقلىنىش سېزىمى ھاسىل قىلىشتەك زەربە كۈچىگە ئىگە بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر