خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەزكۇر قۇت بەلگىسىنى لايىھەلەشتىكى ئىدىيە:
1. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەملىكەتلىك 13 ـ نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ قۇت بەلگىسىگە «تيەنجىن قورچىقى»دەپ ئىسىم قويۇلغان بولۇپ، بۇ ئسىمدا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزگۈچى جاي تيەنجىن تىلغا ئېلىنغان.
2. «تيەنجىن قورچىقى»دا جۇڭگو ۋە چەتئەللەردە ماختاشقا ئېرىشكەن رەسىمدىكى، يەنى، تيەنجىن يېشىل تالتېرەك تاختىلىق بايراملىق رەسىمىدىكى پېرسوناژلار ئوبرازىدىن ماتېرىيال ئېلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا تىپىك بولغان مىللىي ئۇسلۇب ۋە تيەنجىننىڭ قويۇق ھالدىكى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. «تيەنجىن قورچىقى»نىڭ قولىدا مەملىكەتلىك 13- نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەشئىلى تۇتۇغلۇق بولۇپ، ئۇنىڭدا مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ روھى ۋە تيەنجىن خەلقىنىڭ «مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت»كە بولغان ئارزۇسى يەتكۈزۈلگەن. مەشئەل ئوتى بولسا، «13» دېگەن بۇ رەقەمنىڭ شەكلىدە يالقۇنجىغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن بىزگە «13- نۆۋەتلىك» ئىكەنلىك ئۇچۇرى يەتكۈزۈلگەن.
3. «تيەنجىن قورچىقى»نىڭ ئۈستى-بېشىغا باي-باياشات، خەيرلىك ۋە بەختلىك بولۇشقا سىمۋول قىلىنىدىغان مودەنگۈل چېكىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ مەنىسى گۈللەپ قۇدرەت تېپىشنى كۆرسىتىدۇ، ھەمدە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش نىشانى جۇڭگو ئارزۇسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى گۈزەل ئارزۇسىدىن دېرەك بېرىدۇ.
4. «تيەنجىن قورچىقى»نىڭ پۇتىدا يولۋاس باشلىق ئاياغ كىيگەن ھالىتى ۋە قىزىل لېنتىنى لەپىلدىتىپ سەكرەپ ئويناۋاتقان ھەرىكىتى بولسا، بىزگە ھەرىكەت ئۇقۇمىنى يەتكۈزگەن، شۇنداقلا ئۇنىڭدا ساھىبخان تيەنجىن خەلقىنىڭ ۋەتەننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن مېھمانلار ۋە تەنھەرىكەتچىلەرنى قارشى ئالىدىغانلىقى، ھەمدە تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنى تىلەيدىغانلىقى نامايان قىلىنغان.
5. مەزكۇر قۇت بەلگىسىنىڭ ئوبرازى قىزىقارلىق، يۇمۇرىستىك، جانلىق ۋە ئوماق بولۇپ، ئۇنىڭدا تيەنجىن خەلقىنىڭ خاراكتېر ئالاھىدىلىكى يەتكۈزۈلەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى