باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركەز: بايرام مەزگىلىدە ھەم چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇش، ھەم ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ نورمال پاراۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

2017.01.03 15:40         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېڭى يىل، چاغان ھارپىسىدا، مەركىزىي كومىتېت ئىشخانىسى، گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى «2017-يىلى يېڭى يىل، چاغان مەزگىلىدىكى ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» نى چىقىرىپ، يېڭى يىل، چاغان مەزگىلىدە پاكلىق ئىنتىزامىغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، تۈرلۈك بايرام چىرىكلىكىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىشنى تەلەپ قىلدى.

  خو ئەپەندى خېبېي ئۆلكىسى شىڭتەي شەھىرىدىكى مەلۇم بىر ئاساسىي قاتلام مەمۇرىي ئورۇندا خىزمەت قىلىدۇ، ئۇ مۇنداق دېدى: 2013-يىلىدىن كېيىن ئىدارىمىزدىن ھېچقانداق پاراۋاۋنلىق تارقىتىپ باقمىدى. بىر قانچە يىل ئىلگىرى تاۋۇز چاغىنىدا ئايتوقاچ، گۈرۈچ، ماي، چاغاندا ئۇن، مىۋە-چىۋە دېگەندەك نەرسىلەرنى تارقىتاتتى، ھازىر ھېچنېمە تارقاتمايدىغان بولۇپ كەتتى. تارقاتمىسا بايراملىق كەيپىيات يوقتەك بىلىنىدىكەن. مېنىڭچە مۇۋاپىق تارقاتسا تۆت ناتوغرا ئىستىلغا ياتمايدىغاندۇ؟

  ئۇنداقتا نورمال پاراۋانلىق تەمىناتى قانداق بولىدۇ؟ جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى 2014-يىلى ئېلان قىلغان مۇناسىۋەتلىك ئۇقتۇرۇشتا بۇ ھەقتە توختىلىپ: ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى بايراملاردا خىزمەتچىلەرگە ئاز بولسىمۇ بايراملىق ھال سوراش بۇيۇمى تارقاتسا بولىدۇ، دېگەن.

  مەلۇم بىر ئورۇننىڭ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مەسئۇلى سۈن ئەپەندى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: نېمىنىڭ نورمال پاراۋانلىققا ياتىدىغانلىقىنى دەسلەپتە تازا ئاڭقىرىپ بولالمىدۇق. بۇ مەسىلىدىن دەسلەپتىلا ئەنسىرەپ كەلدۇق، شۇ چاغلاردا يۇقىرىدىن پاراۋانلىق تارقىتىشىمىزغا يول قويامدۇ-يوق دېگەنلەرنى ئويلىشىپ، شەھەردىكى مەسئۇل ئىدارە، باش ئورگاندىن يوليورۇق سورىدۇق، ئۇلاردىن پاراۋانلىق تارقىتىشقا، مۇۋاپىق مىقداردا ئەمەلىي نەرسىلەرنى تارقىتىشقا بولىدۇ، بىراق نەخ پۇل كارتىسى تارقىتىشقا بولمايدۇ، دېگەن جاۋابنى ئالدۇق.

  ئۇقۇشىمىزچە، ھازىر ھەر قايسى ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ پاراۋانلىق تارقىتىش ئۆلچىمى ئوخشىشىپ كەتمىسىمۇ، ئەمما چوڭ پەرقلىنىپ كەتمەيدىكەن، ئادەتتە ئادەم بېشىغا تەخمىنەن 1000 يۈەندىن توغرا كېلىدىكەن ياكى پۈتۈن يىللىق ھال سوراش چىقىمى ئومۇمىي سوممىسى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ خىراجەت خامچوتى چىقىمىنىڭ %30 ىدىن ئېشىپ كەتمەيدىكەن.

  بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پاكلىق قۇرۇلۇشى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جۇاڭ دېشۈي مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بايرامدا چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ۋە خىزمەتچىلەرنىڭ نورمال پاراۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش بىر-بىرىگە زىددىيەتلىك ئەمەس، سەككىز بەلگىلىمىدە ئىسراپچىلىق قىلىش ۋە بىر قىسىم تۈزۈم سىرتىدىكى يوشۇرۇن پاراۋانلىق چەكلەنگەن، تۈزۈم ئىچىدىكىلىرىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بىزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىنى ئىجرا قىلىش، تۆت ناتوغرا ئىستىلغا قارشى تۇرۇشتىكى مەقسىتىمىز ھەققانىي مەنپەئەتنى ئازايتىش بولماستىن، بەلكى پۇقرالارنىڭ نورمال مەنپەئەت تەلىپىنى ئىشقا ئاشۇرۇش.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر