خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت ئاخبارات-نەشرىيات-رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى نيې جېنشى 8- دېكابىر چېڭدۇدا ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو تور ئۈن-سىن يىغىنىدا مۇنداق دېدى: 2016- يىلى 6- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، دۆلىتىمىزدە توردىكى سىن ئابونتلىرىنىڭ كۆلىمى 514 مىليونغا يەتكەن بولۇپ، بۇ، تور ئەھلى ئومۇمىي سانىنىڭ %70دىن يۇقىرى بولغان نىسبىتىنى ئىگىلىدى. كۈچلۈك بازار ئېھتىياجى توردىكى ئۈن-سىن كەسپىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى پۈتمەس-تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن تەمىنلىدى.
جۇڭگو تور ئۈن-سىن يىغىنىغا دۆلەت ئاخبارات-نەشرىيات-رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى، دۆلەت ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى ۋە سىچۈەن ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى يېتەكچىلىك قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا «يېڭى ئۈن-سىننى كۆزىتىپ، يېڭى بوشلۇقتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش» ئاساسىي تېما قىلىنغان. ئۇنىڭدا يەنە مۇنبەر، مۇراسىم, كۆرگەزمە, سالون, ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى قاتارلىق 20 نەچچە مەيدان ئاساسىي تېما پائالىيىتى يولغا قويۇلغان بولۇپ، ئۇ، تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرۇلۇشى، توردىكى كىنو-تېلېۋىزىيە، توردىكى ئۇنىۋېرسال سەنئەت، توردا بىۋاستە كۆرسىتىش، مەۋھۈم رىئاللىق, نەشر ھوقۇقىنى قوغداش قاتارلىق قىزىق تېمىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن، ھەمدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى ئالماشتۇرۇلۇپ، كەسىپ يۈزلىنىشى قاتارلىقلار ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلىدىكەن.
دۆلەت ئاخبارات-نەشرىيات-رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، نۆۋەتتە توردىكى ئۈن-سىن پىروگراممىلىرىنى تارقىتىش ۋە كۆرۈش جانلىق بولغان. بۇ يىل 1- ئايدىن 8- ئايغىچە، پۈتۈن ساھەدىكىلەرنىڭ سىن قويۇش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ٪55 ئاشقان، توردا ئۆزى ئىشلىگەن مەزمۇننىڭ قويۇلۇش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %180 ئاشقان. توردىكى بىر ئۈن-سىن ئەسىرىنىڭ چېكىلىش مىقدارى، قويۇلۇش مىقدارىنىڭ 100 مىليوندىن ئېشىشى نورمال ھالەتكە ئايلانغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى