باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالدىنقى يەتتە ئايدا تىجارەت بېجىنى كۆپەيمە قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىشتە نۇرغۇن باج ئازايدى

2016.09.20 14:42         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ 18-سېنتەبىر مالىيە مىنىستىرلىقىدىن ئۇقۇشىچە، بۇ يىل 1-مايدىن تارتىپ، بىناكارلىق، ئۆي مۈلۈك، پۇل مۇئامىلە ۋە تۇرمۇش مۇلازىمىتىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ كەسىپتە تىجارەت بېجىنى كۆپەيمە قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىش ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئىسلاھات ئېلىپ كەلگەن باجنى ئازايتىش ئۈنۈمى ئۆزلۈكسىز گەۋدىلەنگەن. بۇ يىل 1-ئايدىن 7-ئايغىچە، تىجارەت بېجىنى كۆپەيمە قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئومۇمىي ئازايغان باج 210 مىليارد 700 مىليون يۈەنگە يەتكەن.

  تىجارەت بېجىنى كۆپەيمە قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش-بۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندىن بۇيانقى كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان باجنى ئازايتىش تەدبىرى بولۇپ، كارخانا ۋە جەمئىيەتنىڭ باج يۈكىنى ئازايتىش ئارقىلىق، ئىقتىسادنىڭ ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئېلىمىز 2012-يىلىدىن تارتىپ، تىجارەت بېجىنى كۆپەيمە قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىشنى قىسمەن سىناق قىلدى، بۇ يىل 1-مايدىن تارتىپ، بۇ سىناقنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدى.

  دۆلەتلىك باج ئىشلىرى باش ئىدارىسىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، بۇ يىل 1-ئايدىن 4-ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە تىجارەت بېجىنى كۆپەيمە قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئازايغان باج 84 مىليارد 700 مىليون يۈەن، 5-ئايدىن 7-ئايغىچە 126 مىليارد يۈەن بولغان.

  دۆلەتلىك باج ئىشلىرى باش ئىدارىسى كىرىم پىلانلاش، ھېسابلاش مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: تىجارەت بېجىنى كۆپەيمە قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىشنىڭ باجنى ئازايتىشتىكى ئۈنۈمىنىڭ ئۆزلۈكسىز گەۋدىلىنىشىگە ئەگىشىپ، باج كىرىمى قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئازىيىپ كەتمەيدۇ، لېكىن بۇ دەل قىسقا مۇددەتلىك باج كىرىمىنىڭ ئازىيىشى ئارقىلىق، ئىقتىسادنىڭ سىجىل تەرەققىياتىدىكى ئاشۇرۇش ئېنېرگىيەسىنى قولغا كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر