باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تيەنجىن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى چوڭ تەكشۈرۈشكە ئورۇنلاشتۇردى

2015.08.18 15:17         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈنۈگۈن كەچتە تيەنجىن شەھىرى جىددىي بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش يىغىنى ئېچىپ، پۈتۈن شەھەر مىقياسىدا بىخەتەرلىك ئىشلەپچىقىرىشنى چوڭ تەكشۈرۈش، چوڭ رەتكە سېلىش، يوچۇقلارنى ئېتىش، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى تەلتۆكۈس تەكشۈرۈشكە ئورۇنلاشتۇردى، بۇ قېتىمقى چوڭ تەكشۈرۈش ئون نۇقتىلىق ساھەنى يەنى ، قۇرۇلۇش ئورنى، يول قاتنىشى، ئاسان ئوت ئالدىغان،ئاسان پارتلايدىغان بۇيۇملار، ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر ۋە كىشىلەر كۆپ سورۇنلار قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرنى چۆرىدەپ، نۇقتىلىق ئورۇنلارنى چوڭقۇر، ئىنچىكە قاتتىق تەكشۈرۈپ، بارلىق خەتەرلىك خىمىيەلىك بۇيۇملار، ئاسان ئوت ئالدىغان،ئاسان پارتلايدىغان بۇيۇملارنى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش، ساقلاش ۋە توشۇش كارخانىلىرى ۋە ئورۇنلارنى بىرتۇتاش بىرمۇ بىر تەكشۈرۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، تيەنجىن شەھىرى ھەرقايسى ئورۇنلاردىن بۇ قېتىمقى ۋەقەدىن ئېغىر ساۋاق ئېلىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت سىستېمىسى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، بىرىنچى قول باشلىق بىرىنچى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى ۋە يوشۇرۇن خەتەرنى چوقۇم ئۆزگەرتىپ، شەكىلۋازلىق قىلماي، خىزمەتنى ، تەدبىرنى ئەمەلىيلەشتۈرمىگەن ئاساسلىق مەسئۇل كىشىنىڭ ۋە ئالاقىدار خادىملارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈپ، بىرنى بايقىسا بىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈپ، بىخەتەرلىك ۋەقەسىنىڭ يەنە يۈز بېرىشىگە قەتئىي يول قويماسلىقنى تەلەپ قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر