باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جاڭ چۈنشيەننىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ (كېڭەيتىلگەن) يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى:

ئادەتتىكى پاسپورت بېرىش ۋە ئۇنى باشقۇرۇش خىزمىتى ئىسلاھاتىنى داۋاملىق تېزلىتىپ، شارائىت ھازىرلاپ شىنجاڭنى ئەڭ ئېچىۋېتىلگەن جايغا ئايلاندۇرۇش كېرەك

2015.08.18 15:28         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  17 - ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى (كېڭەيتىلگەن) يىغىن ئېچىپ، ئادەتتىكى پاسپورت بېرىش ۋە ئۇنى باشقۇرۇش خىزمىتى ئىسلاھاتىغا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ مۇزاكىرە قىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئادەتتىكى پاسپورت بېرىش ۋە ئۇنى باشقۇرۇش خىزمىتى ئىسلاھاتىنى داۋاملىق تېزلىتىپ، قانۇن بويىچە ئىش بېجىرىشتە چىڭ تۇرۇپ، شارائىت ھازىرلاپ، شىنجاڭنى ئەڭ ئېچىۋېتىلگەن جايغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  ھەر مىللەت ئامما يېڭى سىياسەتتىن رازى بولدى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئادەتتىكى پاسپورت بېرىش ۋە ئۇنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە باشتىن - ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كۆپ قېتىم مەخسۇس تېمىدا يىغىن ئېچىپ مۇزاكىرە قىلدى، جاڭ چۈنشيەن كۆپ قېتىم يوليۇرۇق بېرىپ، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ پاسپورت بېرىش ۋە ئۇنى باشقۇرۇش مەسىلىسى ۋە پاسپورت ئىشلىرىنى باشقۇرۇش خىزمىتى ئىسلاھاتىنى ئەستايىدىل مۇزاكىرە قىلىشىنى تەلەپ قىلدى. بۇ يىل 5 - ئاينىڭ 25 - كۈنى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، شىخەنزە شەھىرى، قاراماي شەھىرىدىن ئىبارەت ئۈچ ئورۇندا ئادەتتىكى پاسپورت بېرىش ۋە ئۇنى باشقۇرۇش خىزمىتى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش باشلاندى. 7 - ئاينىڭ 25 - كۈنىگىچە، نۇقتىدا سىناق قىلىنغان بۇ ئۈچ رايون 23 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالدى، ئىلتىماس قىلغانلار ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بەش ھەسسە ئاشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم كۆپ قېتىم نۇقتىدا سىناق قىلىنغان ئالاقىدار ئەھۋاللار توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى، جاڭ چۈنشيەن نۇقتىدا سىناق قىلىشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن تەجرىبىلەرنى ئەستايىدىل خۇلاسىلەپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، چېگرادىن كىرىش ۋە چىقىشنى باشقۇرۇش خىزمىتى ئىسلاھاتىنىڭ قەدىمىنى تېزلىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ چېگرادىن نورمال چىقىش ۋە كىرىشتىكى قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداشنى تەكىتلىدى.

  ئاپتونوم رايون نۇقتىدا سىناق قىلىشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەش ئاساسىدا، 8 - ئايدىن باشلاپ بىرلىككە كەلگەن ئادەتتىكى پاسپورت بېرىش ۋە ئۇنى باشقۇرۇش توغرىسىدىكى سىياسەتنى قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدى. ئالاقىدار تارماقلار كۆزنەكلەرنى كۆپەيتىش، ۋاقىتنى ئۇزارتىش، «يېشىل يول» ئېچىش، «بىر كۆزنەكلىك، بىر قېتىملىق» مۇلازىمەت مېخانىزمىنى يولغا قويۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئاممىنىڭ پاسپورت ئىلتىماس قىلىشىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن قولايلىق يارىتىپ بەردى. ھەر مىللەت ئامما بۇنىڭدىن ئومۇميۈزلۈك رازى بولدى.

  ئادەتتىكى پاسپورتنى باشقۇرۇش خىزمىتى ئىسلاھاتىنىڭ ئەھمىيىتى زور

  جاڭ چۈنشيەن ئاپتونوم رايوننىڭ ئادەتتىكى پاسپورت بېرىش ۋە ئۇنى باشقۇرۇش خىزمىتى ئىسلاھاتى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: ئادەتتىكى پاسپورت بېرىش ۋە ئۇنى باشقۇرۇش خىزمىتى ئىسلاھاتىنى داۋاملىق تېزلىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئادەتتىكى پاسپورت بېرىش ۋە ئۇنى باشقۇرۇش خىزمىتى ئىسلاھاتىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇش كېرەك. جايلار، ئالاقىدار تارماقلار ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداش ئومۇمىيىتى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ئادەتتىكى پاسپورتنى باشقۇرۇش خىزمىتى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى چوڭقۇر چۈشىنىشى كېرەك، ئادەتتىكى پاسپورت بېرىش ۋە ئۇنى باشقۇرۇشنىڭ بىرلىككە كەلگەن سىياسىتىنى قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش −− ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، شۇنداقلا «شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىق ئارقىلىق مۇقىملاشتۇرۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە قۇرۇش»تەك شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئومۇمىي پىلانىنىڭ كونكرېت نامايەندىسى. ئادەتتىكى پاسپورت بېرىش ۋە ئۇنى باشقۇرۇشنىڭ بىرلىككە كەلگەن سىياسىتىنى يولغا قويۇشتا، ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا بويسۇنۇلۇپ، ئۆزىگە ئىشىنىش، ئېچىۋېتىش ۋە كەڭ قورساق بولۇشتەك ياخشى ئوبراز نامايان قىلىنغان بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بىردەك باراۋەر بولۇشتىكى قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداشقا، شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشى ۋە شىنجاڭنى سىرتقا ئېچىۋېتىشكە ۋە ئالاقىلىشىش، باردى - كەلدى قىلىشقا پايدىلىق.

  شارائىت ھازىرلاپ، شىنجاڭنى ئەڭ ئېچىۋېتىلگەن جايغا ئايلاندۇرۇش كېرەك

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئادەتتىكى پاسپورت بېرىش ۋە ئۇنى باشقۇرۇش خىزمىتى ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرىنى توغرا ئىگىلەش كېرەك. جايلار، ئالاقىدار تارماقلار قانۇن ۋە سىياسەتلەرنى ئىجرا قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئادەتتىكى پاسپورت بېرىش ۋە ئۇنى باشقۇرۇش توغرىسىدىكى سىياسەتنى ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، ئىتتىپاقلىشىپ ئاممىنى مايىل قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاسىتىسى قىلىشى كېرەك. چەكلىمىنى كۆپەيتكەنلىك دەپ قاراشقا قەتئىي بولمايدۇ، پاسپورت بېجىرىش جەريانىدا بايقالغان يېيىش، ئېلىۋېلىش، قىسىۋېلىش قاتارلىق ناتوغرا ئىستىللار ۋە ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشلارنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: قانۇن بويىچە ئىش بېجىرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەممىگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىش، شارائىت يارىتىپ شىنجاڭنى ئەڭ ئېچىۋېتىلگەن جايغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئىش بېجىرىش تەرتىپىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ، سىياسەتلەرنى تەشۋىق قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاممىغا سىياسەتلەرنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ، ياخشى كەسپىي ساپاسى ۋە خىزمەت ئىستىلى ئارقىلىق، ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئابىلمەجىن، چې جۈن، خەن يۇڭ، لى ۋېي، شاۋكەت ئىمىن، جۇ خەيلۈن، بەي جىجيې، ئەركىنجان تۇراخۇن، شيۇڭ شۈەنگو، شۈ خەيرۇڭ، غانىبات سابۇكەي، لى شۆجۈن، ما شۆجۈن، ليۇ شىنچى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر