باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گو شېڭكۈن:ۋەقەدىن قۇتقۇزۇش تەكشۈرۈش بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى تەرتىپلىك ياخشى ئىشلەش لازىم

2015.08.18 15:15         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

دۆلەت كومىسسارى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرى گو شېڭكۈن 16-ئاۋغۇست كەچتە تيەنجىندە گوۋۇيۈەن خىزمەت گۇرۇپپىسى بىلەن تيەنجىن خەتەردىن قۇتقۇزۇش ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ بىرلەشمە يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: سەرخىل كۈچلەرنى داۋاملىق تەشكىللەپ، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيدان ۋە ئەتراپىدىكى رايونلارنى تەكشۈرۈش ، ئاختۇرۇش ، قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، يارىلانغان ئاممىنى داۋالاش ، قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئەڭ زور كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش لازىم. بىر رايونغا بىر تەدبىر قوللىنىش پىرىنسىپى بويىچە رايونلاشتۇرۇش، تورلاشتۇرۇش ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كەسپى خادىملارنىڭ ئۈستۈنلۈكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەن رايون ۋە خەتەرلىك خىمىيەلىك بۇيۇملارنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى ئىلمىي ، مۇۋاپىق ، تەرتىپلىك، بىخەتەر ياخشى ئىشلەپ، ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيدان ئەتراپىنى بىر تۇتاش مەركەزلىك دېزىنفېكسىيە قىلىپ، ۋەقەنىڭ قايتا يۈز بېرىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك. يارىلانغان خادىملارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ ئاخىرقى ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئاھالىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تەسەللى بېرىش ، كەيپىياتىنى نورماللاشتۇرۇپ، ئاخىرقى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش سىياسىتىنى ۋاقتىدا تەتقىق قىلىش لازىم. ۋەقە ۋە خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، قۇتقۇزۇش ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارا ئېلان قىلىپ، جەمئىيەتكە پائال ئىنكاس قايتۇرۇش لازىم. ۋەقەنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، ھەم ۋەقەنىڭ بىۋاسىتە سەۋەبىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ھەم ۋەقە يۈز بېرىشتىن ئاۋۋالقى بىخەتەرلىكنى باشقۇرۇش، يوشۇرۇن خەۋپنى تەكشۈرۈش ، تىزگىنلەش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەسئۇلىيەتنى تەكشۈرۈپ، ئالاقىدار ئورۇنلار ۋە خادىملارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە قاتتىق سۈرۈشتە قىلىپ، پارتىيە ۋە خەلققە مەسئۇلىيەتلىك جاۋاب قايتۇرۇش كېرەك.



ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر