باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، تۈپ سىياسىي تۈزۈمنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك

2015.06.03 14:58         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەنزۇچە «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ بۇ يىللىق 11-سانىدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگان پارتگۇرۇپپىسى مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ «پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، تۈپ سىياسىي تۈزۈمنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرايلى» دېگەن ماقالىسى ئېلان قىلىنىپ، «پارتىيە بىلەن خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بار» دېگەن مەسىلىگە ئىلمىي جاۋاب بېرىلدى.

  ماقالىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى-پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى ، خەلق خوجايىن بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇشتىكى تۈپ تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى. پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشنى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەر قايسى خىزمەتلىرى، پۈتۈن جەريانىدا باشتىن-ئاخىر ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى راۋاجلاندۇرۇشتىكى ئاچقۇچ-بىزنىڭ ئەۋزەللىكىمىز ۋە ئالاھىدىلىكىمىزنى ئاجىزلاشتۇرۇش ۋە كىچىكلىتىشتە ئەمەس، بەلكى بىزنىڭ ئەۋزەللىكىمىز ۋە ئالاھىدىلىكىمىزنى كۈچەيتىش ۋە كېڭەيتىشتە دەپ كۆرسەتتى. يېڭى ۋەزىيەتتە، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى بىلەن خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ مۇكەممەل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە تېخىمۇ ئاڭلىق چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، دۆلەتنى ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىشىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈش زۆرۈر. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى دۆلەتنىڭ ئالىي ھوقۇق ئورگىنى سۈپىتىدە، تۆت ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىدا مۇھىم مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈپ، خىزمەتلەرنى ئاكتىپ ئىشلەپ، فۇنكسىيەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر