باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2-نۆۋەتلىك جۇڭگو ھىندىستان تاراتقۇلار يۇقىرى قاتلام مۇنبىرى بېيجىڭدا ئېچىلدى

2015.02.02 15:56         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2-نۆۋەتلىك جۇڭگو ھىندىستان تاراتقۇلار يۇقىرى قاتلام مۇنبىرى 1-فېۋرال بېيجىڭدا ئېچىلدى، بۇ مۇنبەرنى جۇڭگو گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى بىلەن ھىندىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان، ئىككى دۆلەتتىكى 40قا يېقىن ئاساسلىق تاراتقۇنىڭ مەسئۇلى ھەمدە نەچچە ئون مۇتەخەسسىس ئالىم مۇنبەرگە قاتناشتى.

  ئىككى دۆلەتنىڭ تاراتقۇ ساھەسىدىكى ئەربابلار «تاراتقۇلارنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم رولى»، «تاراتقۇلارنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىغا بولغان ياردىمى»، «كۆچمە ئىنتېرنېت تورى دەۋرىدىكى تاراتقۇلار ھەمكارلىقى» قاتارلىق قارالمىلار ئۈستىدە پىكىرلەشتى ۋە مۇزاكىرىلەشتى.

  جۇڭگو گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جياڭ جيەنگو ئېچىلىش مۇراسىمىدا مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە جۇڭگو-ھىندىستان مۇناسىۋىتى ئومۇميۈزلۈك تېزلەشكەن يېڭى باسقۇچقا كىردى، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ تەرەققىياتى يېڭى پۇرسەتكە دۇچ كەلدى، بۇمۇ ئىككى دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىشىدىكى يېڭى پۇرسەت.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر