باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلق ئىشلىرى سىستېمىسى %90 تىن تۈۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئوبيېكتلىرىنى قايتا تەكشۈرۈپ چىقتى

257 مىڭ كىشى «ئىلتىپاتلىق تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى»، «خاتا بېرىلگەن تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى» دىن ۋاز كەچتى

2014.12.09 23:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا ئىگىلىشىمىزچە، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، 9-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە شەھەر، يېزىلاردىكى تۆۋەن تورمۇش كاپالىتى ئوبيېكتى 64 مىليون 290 مىڭ كىشىگە يىتىپ، ئومۇمىي تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئوبيېكتىنىڭ %89 نى ئىگىلىگەن؛ 416 مىڭ كىشى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن ۋاز كەچكەن بولۇپ، قايتا تەكشۈرۈپ چىققان تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئوبيېكتىنىڭ % 6.5 نى ئىگىلىگەن، بۇنىڭ ئىچىدە كۆپ سانلىقلىرى جانلىق باشقۇرۇشتا نورمال ۋاز كېچىشكە تەۋەئىكەن؛ «ئىلتىپاتلىق تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى»، «خاتا بېرىلگەن تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى»دىن ۋاز كەچكەنلەر 257 مىڭ كىشى بولۇپ، ئومۇمىي قايتا تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان ئوبيېكتىنىڭ %0.4 نى ئىگىلىگەن.

  ئاممنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولىۋاتقان «ئىلتىپاتلىق تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى»، «خاتا بېرىلگەن تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى» مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، بۇ يىل 6-ئايدا، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى «ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇشنى مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇرۇپ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش لايىھەسى» نى تارقىتىپ، مەملىكەت بويىچە خەلق ئىشلىرى سىستېمىسىدا ئۈچ ئايغا سوزۇلغان «ئىلتىپاتلىق تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى»، «خاتا بېرىلگەن تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى» مەخسۇس تۈزەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر