باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ۋەكىلى: جۇڭگو ئىناق دېڭىز ئوكيان قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ

2014.12.11 10:03         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ليۇ جې 9-دېكابىر 69-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ دېڭىز ئوكيان قانۇنى يىغىنىدا مۇنداق دېدى: جۇڭگو ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرگە ئىناق دېڭىز ئوكيان قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى، جۈملىدىن «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دېڭىز ئوكيان ئەھدىنامىسى»نى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا قانۇنلار ئاساسىدا، دېڭىز ئوكياننىڭ تىنچلىقى، بىخەتەرلىكى، ئېچىۋېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دېڭىز ئوكياننى ئىلىمىي قوغداش ۋە مۇۋاپىق پايدىلىنىشنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، خەلقئارا جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ ئورتاق تەرەققىياتى ۋە ئۆز-ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى خالايدۇ.

  ليۇ جې مۇنداق دېدى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى چوڭ قۇرۇقلۇق بوسۇغىسى چېگرا كومىتېتىنىڭ خىزمەتلىرىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، بۇ كومىتېتىنىڭ «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دېڭىز ئوكيان ئەھدىنامىسى» ھەمدە قارالمىدىكى پىرىنسىپلارغا قاتتىق ئەمەل قىلغان ھالدا مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ئالاقىدار چېگرا دېلوسىغا قاراپ چىقىشنىڭ سۈپىتى ۋە كەسىپچانلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىغا مەدەت بېرىدۇ ھەمدە بۇ كومىتېتنىڭ دېڭىز ئوكيان بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئەتى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتىنى تەڭپۇڭ بىر تەرەپ قىلىشقا ئىجابىي تۆھپە قوشقانلىقىغا ئاپىرىن ئېيتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر