خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پارىژ دۇنياغا داڭلىق رومانتىك شەھەر، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئاشىق-مەشۇقلار بۇ يەردە ئۆز مۇھەببىتىنىڭ ئىزناسىنى قالدۇرۇشنى ئويلايدۇ. سەينا دەرياسىدىكى دۇنياغا داڭلىق كۆۋرۈككە نۇرغۇنلىغان قۇلۇپلار سېلىنغان بولۇپ، ئاشىق-مەشۇقلارنىڭ مۇھەببىتىنىڭ مەڭگۈلۈك بولۇشىنى تىلەيدىغان بىر خىل مودىسى بولۇپ قالغان. ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ، سەينا دەرياسى سانسىز ئاشىق-مەشۇقلارنىڭ مۇھەببىتىگە گۇۋاھ بولۇش بىلەن بىرگە، كۆۋرۈكمۇ قۇلۇپلارنىڭ كۆپلۈكىدىن «ھېرىپ ھالىدىن كەتكەن». 9-دېكابىر پارىژ شەھەرلىك ھۆكۈمەت يۈز ياشلىق بۇ كۆۋرۈكنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنى باشلاپ، كۆۋرۈكتىكى قۇلۇپلارنى چۇۋۇشقا باشلىدى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى