خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خېبېي ئۆلكىسى لاڭفاڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى بۈگۈن دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى ليۇ تيېنەننىڭ پارا ئېلىش دېلوسىغا 1-سوتتا ھۆكۈم ئېلان قىلدى. پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن، ليۇ تيېنەنگە مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىپ، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىندى ھەم بارلىق مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىندى.
لاڭفاڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى مۇنداق قارىدى: جاۋابكار ليۇ تيېنەن دۆلەت خىزمەتچىسى تۇرۇقلۇق، ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، باشقىلارنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلەپ، باشقىلارنىڭ پۇل ۋە مال-مۈلكىنى بىۋاسىتە ياكى ئوغلى ليۇ دېچېڭ ئارقىلىق قانۇنسىز قوبۇل قىلغان، ئۇنىڭ قىلمىشى پارا ئېلىش جىنايىتى شەكىللەندۈردى. ئەيىپلەش تارمىقى ليۇ تيېنەننىڭ پارا ئېلىش جىنايىتىگە كۆرسەتكەن دەلىل-ئىسپات ئېنىق، تولۇق بولۇپ، ئۇ جىنايەت شەكىللەندۈرگەن.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى