باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى چىرىكلىكنى جازالاش چارىسى چىقاردى

2014.12.11 10:04         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى تۈنۈگۈن جازالاش ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسىنىڭ بەش يىللىق پىلاننى يولغا قويۇش چارىسىنى چىقىرىپ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: تەخىرسىز پوزىتسىيە بىلەن ئەدلىيە چىرىكلىك دېلولىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش، چىرىكلىك بولىدىكەن جازالاش، دېلو بولىدىكەن تەكشۈرۈش كېرەك، سوت مەھكىمىلىرى رەھبىرى كادىرلىرىنىڭ خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق، ھوقۇق سودىسى، ۋەزىپىسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالماسلىق ۋە ھۆكۈم چىقارغۇچى، ئىجرا قىلغۇچى خادىملارنىڭ نەپسانىيەتچىلىك قىلىش، قانۇننى بۇزۇپ ھۆكۈم قىلىش، دېلودىن پايدىلىنىپ ئۆز نەپسىگە چوغ تارتىش دېلولىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى دېلولارنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىش، بولۇپمۇ ئەدلىيە يوشۇرۇن قائىدىسىدىن پايدىلىنىپ، ھارام پۇلغا ئېرىشكەن ھەمدە دېلو بېجىرگۈچى سوتچىلار بىلەن دېلوغا چېتىشلىق كىشىلەر ئارىسىدىكى دەۋاگەر دەللال بولىۋالغان سوت مەھكىمىسى كادىر ساقچىلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش، مۇناسىۋەت دېلولىرى، ئادەمگەرچىلىك دېلولىرى، پۇل دېلولىرىنى قەتئىي توسۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر