خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-ئاينىڭ 10-كۈنى دۇنيا ئىنسانىي ھوقۇق كۈنى، بۇ كۈن 1948-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى ب د ت كېڭىشى ماقۇللىغان «دۇنيا ئىنسانىي ھوقۇق خىتابنامىسى» نى خاتىرلەش ئۈچۈن تەسىس قىلىنغانىدى. شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلغان ياپونىيە ئارمىيەسىنىڭ نەنجىڭ زور قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغان قېرىنداشلارنى خاتىرىلەش سارىيى جەمئىيەتكە: نەنجىڭدىكى زور قىرغىنچىلىقتا قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە-تاۋبىئاتلىرى بىلەن ھايات قالغانلار بولۇپ 3361 كىشى بىرلىشىپ يازغان، ب د ت باش كاتىۋى بىلەن ب د ت ئىنسانىي ھوقۇق تەشكىلاتىغا يازغان ئۈچ پارچە خەتنىڭ 11-ئاينىڭ 28-كۈنى نەنجىڭ پوچتاخانىسى ئارقىلىق ئىۋەتىلگەنلىكىنى، ئېلخەتنىڭمۇ بىرلا ۋاقىتتا يوللانغانلىقىنى جاكارلىدى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى