باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

2014.12.11 10:08         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى، يېقىندىن بۇيان كېلىپ چىققان نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشىشى، رايون كرىزىسى قاتارلىق كۆپلىگەن مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن باشلىقلار يىغىنىنى ئۆتكۈزدى.

  35-نۆۋەتلىك پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى يىغىنى 9-دېكابىر قاتارنىڭ پايتەختى دەۋەدە ئۆتكۈزۈلدى. پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى يىغىنى گەرچە ھەر يىلى قەرەرلىك يىغىن ئۆتكۈزىدىغان بولسىمۇ، بىراق بۇ نۆۋەتلىك يىغىن يولۇققان ئەھۋاللار تېخىمۇ مۇرەككەپ بولدى. سەئۇدى ئەرەبىستانى، قاتار، كۇۋەيت، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ، ئاممان، بەھرەيندىن ئىبارەت پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى مەسىلىلەر، رايون ۋەزىيىتى قاتارلىق مەسىلىلەردە مۇزاكىرە ئىلىپ باردى.

  پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كومىتېتى 1981-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى ماسلاشتۇرۇش ۋە رايون ئىقتىسادىينى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتە ئىجابىي رول ئوينىدى. بىراق يېقىنقى بىر قانچە يىلدىكى ئوتتۇرا شەرق رايوننىڭ مۇئەللىمانچىلىق ۋەزىيىتى، غەربى ئاسىيا شىمالىي ئافرىقا رايونىدىكى بىر قىسىم دۆلەتلەردە داۋالغۇش پەيدا قىلىپلا قالماستىن، يەنە پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەردىمۇ ئىختىلاپ ۋە زىددىيەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، سەئۇدى ئەرەبىستانى قاتارنىڭ مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنى قوللاش ئۇسۇلىدىن ئىنتايىن نارازى بولغان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن بەھرەينمۇ قاتارنىڭ يېرىم ئارال تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئارقىلىق باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىقىغا ئەيىبلەپ، بۇ ئۈچ دۆلەت بىرلىكتە دەۋەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرىنى قايتۇرۇپ كەلگەنلىكتىن، پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كومىتېتى بىر مەزگىل پارچىلىنىش خەۋپىگە يولۇققان. ئۆزلۈكسىز يامانلىشىۋاتقان ئىچكى قىسىمدىكى مۇناسىۋەتنى پەسەيتىش ئۈچۈن، بۇ ئالتە ئەزا دۆلەت جاپالىق كېڭىشىش ئارقىلىق ئاخىرى بىردەك پىكىر ھاسىل قىلىپ، دەۋەدە رەسمىي باشلىقلار يىغىنىنى ئىچىپ، ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرسىدىكى ئىختىلاپنى تۈگىتىش يولىدا تېرىشىشقا قوشۇلغان.

  پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەر سۇرىيە كرىزىسىگە چوڭقۇر ئارىلاشتى ، ئۇلار ئىلگىرى سۇرىيەدىكى ئۆكتىچى قۇراللىق گۇرۇھىنى مەبلەغ ۋە قۇرال ياراق بىلەن قوللىدى. بىراق ئەسەبىي تەشكىلاتلارنىڭ زورىيىشىغا ئەگىشىپ، ھەتتا ئاتالمىش ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ بارلىققا كېلىشى بىلەن، پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە دىنى ئېتىقاد قارىشىغا غايەت زور تەھدىتلەرنى ئىلىپ كەلدى. بۇ ھەر قايسى دۆلەتلەرنى سۇرىيە مەسىلىسىدە ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى. ئەگەر، سۇرىيەدىكى ئۆكتىچىلەرگە داۋاملىق ياردەم بېرىدىغان بولسا، ئۆزىنىڭ بېشىغا پالا تېپىۋالىدىغان، ئەگەر ياردەمنى ئۈزۈپ قويسا، پارس قولتۇقىدىكى سۈننى مەزھىپىدىكى دۆلەتلەرنىڭ شىئە مەزھىپىدىن بولغان باشار ھاكىمىيتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشمايدىغان دەرىجىگە بېرىپ يەتتى.

  كۆپلىگەن ئامىللارنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن، خەلقئارا نېفىت باھاسى داۋاملىق تۆۋەنلىدى. نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىچكى قىسمىدا مەھسۇلاتنى ئازايتىش ئازايتماسلىق مەسىلىسىدە ئىختىلاپ كېلىپ چىقتى، ۋېنسۇئېللا ۋەكىللىكىدىكى بىر قىسىم نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر مەھسۇلاتنى ئازايتىپ باھانى ساقلاپ قېلىشنى تەشەببۇس قىلدى، بىراق دۇنيادىكى ئاساسلىق نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى رايون بولغان پارس قولتۇقىدىكى دۆلەتلەر قويۇق تاشقى پېرېۋوت زاپىسىغا تايىنىپ، بازارنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ باھانى بېكىتىشتە چىڭ تۇردى، ئەڭ ئاخىردا نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى 4-دېكابىر قارار ماقۇللاپ، مەھسۇلات چېكىنى ئۆزگەرتمەسلىكنى قارار قىلدى.

  نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشىدىكى ھەقىقى سەۋەبىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، نېفىت ئېكسپورت قىلىش، ئەڭ مۇھىم ئىقتىسادى تۆۋرۈكى بولغان پارس قولتۇقىدىكى دۆلەتلەر ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، نېفىت باھاسىنىڭ ئۇزاق مۇددەت تۆۋەنلىشىش ئىقتىسادنى ئارقىغا چېكىندۈرۈپ، ئەڭ ئاخىردا بەرداشلىق بېرىش دائىرىدىن ھالقىپ كېتىدۇ، پۈتكۈل دۇنيا نېفىت باھاسىنىڭ كەلگۈسىنى قانداق ئىگىلەش ۋە ئۇنىڭغا تەسىر كۆرسىتىشمۇ بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ قىزىق تېمىلىرىنىڭ بىرى بولدى.

  پارس قولتۇقىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىران بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئىزچىل تۈردە بىر خىل بولماي كەلدى. بىراق ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا يېقىنلىشىشدىن ئۆزىنى تارتىش، قارشىلىشىشدىن ساقلىنىش ھالىتىدە تۇرۇپ كەلدى. ئىراننىڭ يېڭى زۇڭتۇڭى روخانى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن بۇيان، غەرب ئەللىرىنىڭ پوزىتسىيەسىدە جانلىق ھالەت بارلىققا كەلدى، ئامېرىكا بىلەن غەرب ئەللىرىمۇ ئىران بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلىدى. مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈشتە، پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەر مەيدانىنى ماسلاشتۇرۇپ، ئىران بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە قايتىدىن قاراپ چىقىشقا مەجبۇر بولدى.

  ئۇندىن باشقا، ئالتە دۆلەت باشلىقلىرى يەنە بۇ نۆۋەتلىك يىغىندا پەلەستىن ئىسرائىلىيە مەسىلىسى، ئىراق مەسىلىسى، مىسىر بىلەن بولغان مۇناسىۋەت ھەمدە رايون ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق كۆپلىگەن مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر