باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

موڭغۇلىيە يېڭى ھۆكۈمىتى قۇرۇلدى

2014.12.11 09:41         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  موڭغۇلىيە بۈيۈك خۇرىلى تۈنۈگۈن سەھەردە يېڭىدىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغان زۇڭلى سايخانبىلىگ سۇنغان يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت ئەزالىرىنىڭ تىزىملىكىنى ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللىدى، يېڭى ھۆكۈمەت دېموكراتلار پارتىيەسى، خەلق پارتىيەسى ھەمدە «ھەققانىيەت ئىتتىپاقى» نىڭ 19 ئەزاسىدىن تەشكىللەنگەن. ھاكىمىيەت يۈرگۈزىۋاتقان پارتىيە دېموكراتلار پارتىيەسى زۇڭلىلىق ئورنىنى ئۆزئىچىگە ئالغان 10 ئورۇنغا، ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيە خەلق پارتىيەسى مۇئاۋىن زۇڭلىلىق ئورنىنى ئۆزئىچىگە ئالغان ئالتە ئورۇنغا، موڭغۇلىيە خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى، موڭغۇلىيە مىللىي دېموكراتىك پارتىيەسىدىن تەشكىللەنگەن «ھەققانىيەت ئىتتىپاقى» موڭغۇلىيە مىنىستىرلىقى ئورنىغا ۋە باشقا ئىككى ئورۇنغا ئېرىشتى. بۇنىڭ ئىچىدە موڭغۇلىيە مىنىستىرلىقى ئورنى بۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتتە يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان ئورۇن بولۇپ، چوڭ تۈرلەر ھەمكارلىقىنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە چەتئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر