باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يۈ جىڭشىڭ «مەن شىنجاڭدىن كەلدىم» دېگەن كىتابىنىڭ ئاپتورى ۋە كىتابتىكى شەخسىلەر بىلەن كۆرۈشتى

2014.12.11 10:03         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى يۈ جىڭشىڭ 9-دېكابىر چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدا «مەن شىنجاڭدىن كەلدىم» دېگەن كىتابىنىڭ ئاپتورى قۇربانجان سەمەت ۋە كىتابتىكى بېيجىڭدە تۇرۇۋاتقان شەخسىلەرنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى.

  يۈ جىڭشىڭ كۆپچىلىك بىلەن سەمىمىي پكىرلىشىپ، ئۇلارنىڭ خىزمەت، تۇرمۇش ۋە كەلگۈسى ئويلىرىنى تەپسىلىي سۈرۈشتۈردى. ئۇلارنىڭ تۇرمۇشتا يولۇققان قىيىنچىلىقلىرى ۋە تەكلىپلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى. يۈ جىڭشىڭ مۇنداق دېدى: «مەن شىنجاڭدىن كەلدىم» دېگەن كىتابتا يۈزدىن كۆپرەك شىنجاڭلىقنىڭ ئىچكىرنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى خىزمەت، تۇرمۇش ئەھۋالى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، ئىنتايىن ھەقىقى ۋە تەسىرلىك بايان قىلىنغان. شىنجاڭدىكى كۆپلىگەن ھەر مىللەت ئاممىسى ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق ئىچكى رايونلارنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭىپ، شۇ جايلارنىڭ ئىقتىساد، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشتى. بىز ھەر مىللەت خەلقى بىلەن بولغان بۈيۈك ئىتتىپاقلىق ۋە چوڭ گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى بىلەن ئىچكى جايلارنىڭ ئالاقىسى ۋە ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز، ئالماشتۇرۇش ۋە ئالاقىلىشىش داۋامىدا مىللەتلەرنىڭ ھىسياتىنى كۈچەيتىپ، چۈشىنىشى ۋە ئىشنىشنى ئاشۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىش قارشىنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك.

  يۈ جىڭشىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ۋە مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشتا، مىللىي رايونلارنىڭ مائارىپ ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش خىزمىتىنى تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، قوش تىل مائارىپىنىڭ سۈپىتىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپ، شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنى ئىچكىردىكى ئوقۇچىلارغا ئوخشاش تېخىمۇ ياخشى تەربىيلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك. ئەمگەك سېغىمى زىچ بولغان كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئەمەلىي تىخنىكا ئىقتىدار تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، بۇ ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىسىنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئىگە قىلىشىمىز كېرەك. ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسى ئىچكىرلاردا خىزمەت قىلىش ۋە تۇرمۇش كەچۈرۈش جەريانىدا قېيىنچىلىققا يولۇقسا، ئىچكىر رايۇنلاردىكى پارتكوملار ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر