باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۆمۈر يولنىڭ يۈرۈش خەرىتىسى يەنە تەڭشەلدى

2014.12.11 10:02         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل 7-ئايدا ئېلىمىزدە پويىزلارنىڭ يۈرۈش خەرىتىسى تەڭشەلگەندىن كېيىن، تۈنۈگۈن يەنە بىر قېتىم تەڭشەلدى. تەڭشەلگەندىن كېيىن، قاتناشقا سېلىنىدىغان يولۇچىلار پويىزى 2673.5 جۈپكە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە %60 كە يېقىنى چاقماق پويىز. بۇنىڭ بىلەن چاقماق پويىز قاتناش دائىرىسى 28 ئۆلكە، ئاپتونۇم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرگە كېڭەيدى.

  ئىگىلىنىشىچە، مەملىكەت بويىچە قاتناشقا سېلىنغان يولۇچىلار پويىزى تەڭشىلىشتىن بۇرۇنقىدىن 226.5 جۈپ كۆپىيىپ، چاقماق پويىزنىڭ سانى 1556.5 جۈپكە يەتكەن. گەنسۇ، گۇيجۇ، چىڭخەي، ئىچكى موڭغۇلغا تۇنجى قېتىم چاقماق پويىز قاتنىغان.

  ئېلىمىزنىڭ «ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك تۆمۈر يول پىلانى» دىكى شاڭخەي-كۇنمىڭ تېز سۈرئەتلىك تۆمۈر يولىنىڭ خاڭجۇدىن چاڭشاغىچە بولغان بۆلىكىدە تۈنۈگۈن قاتناش باشلاندى، چاڭشادىن خاڭجۇغا تۇنجى قېتىم چاقماق پويىز بىلەن بىۋاسىتە بارغىلى بولىدىغان بولدى. ھازىر خاڭجۇ شەرقىي ۋوگزالىدىن چاڭشا جەنۇبىي ۋوگزالىغا بېرىشقا ئۈچ سائەت 36 مىنۇت كېتىدۇ، بۇ ئەسلىدىكى تېز پويىزدىن يەنە تۆت سائەت 39 مىنۇت تېز.

  جۇڭگو تۆمۈر باش شىركىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: يېڭىدىن تېز سۈرئەتلىك پويىز لىنىيەلىرىنىڭ ئېچىلىشى مەملىكىتىمىزنىڭ تېز سۈرئەتلىك يولۇچىلار ترانسىپورت تورىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. شاڭخەي-كۇنمىڭ تېز سۈرئەتلىك تۆمۈر يولىنىڭ خاڭجۇ شەرقىي ۋوگزالىدىن شىنخۇاڭغىچە بولغان تېز سۈرئەتلىك پويىز لىنيەسىنى مىسالغا ئالساق، شەرقتە شاڭخەي-خاڭجۇ، خاڭجۇ-نىڭبو تېز سۈرئەتلىك پويىز لىنىيەلىرى بىلەن تۇتىشىپ، ئوتتۇرىدا بېيجىڭ-گۇاڭجۇ تېز سۈرئەتلىك تۆمۈر يول لىنىيەسىدىن ئۆتىدۇ، بۇ لىنىيە شەرق ۋە غەرپ بىلەن مۇكەممەل تۇتاشتۇرۇلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر