باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ش ئا ئە ت ئۇكرائىنا بىلەن ئافغانىستاننى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈلدى

2014.12.11 10:10         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىدا ئۇكرائىنا بىلەن ئافغانىستاننى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈلدى.

  شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى يېقىندا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش ئورگىنى تۇرۇشلۇق جاي بېلگىيەنىڭ پايتەختى بريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا ئېلان قىلىنغان باياناتدا مۇنداق دېيىلدى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئۇكرائىنانىڭ ئىسلاھاتىنى داۋاملىق قوللايدۇ ھەمدە ئۇكرائىناغا مەبلەغ جەھەتتىن ياردەم بىرىدۇ: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى كىلەر يىلى 1-ئايدىن باشلاپ، قەتئىي قوللاش ناملىق شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستاندىكى ئۇرۇش قىلمايدىغان ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشقا باشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئىچكى قىسىمدىكى كوللېكتىپ موداپىئەلىنىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، 2016-يىلى مەڭگۈ تېز ئىنكاس قايتۇرىدىغان قىسىم قۇرىدۇ.

  شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىنىنىڭ باش مەقسىتى بۇ يىل 9-ئايدا ئەنگلىيەدە ئېچىلغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى يىغىنىدا ھاسىل قىلىنغان ئاساسلىق نەتىجىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىدىن ئىبارەت. كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئۇكرائىنا مەسىلىسىدىكى مەيدانى ۋە قوللانغان ھەرىكىتىنى ئەسلەپ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرگەندىن كىيىن ئافغانىستان بىلەن يېڭى مۇناسىۋەت ئورنىتىش ھەمدە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى موداپىئەلىنىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنىڭ كونكرېت تەدبىرلىرى ئۈستىدە كېڭىشىشتىن ئىبارەت.

  شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى يىغىنىدا، ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنى ئىسلاھ قىلىشنى قوللاش ئۈچۈن، تۆت تۈرلۈك ھاۋالە فوندىنى تەسىس قىلىشقا بىردەك قوشۇلدى. شۇ كۈندىكى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىدا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى شۇ كۈندىن باشلاپ بۇ تۆت تۈرلۈك ھاۋالە فوندىنى يولغا قويۇشنى قارار قىلدى. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى سىتوردىن بىرىك مۇنداق دېدى: بىز ئۇكرائىنانىڭ ئىسلاھاتنى تېزلىتىشىنى داۋاملىق قوللايمىز. بىز يەنە ئۇكرائىنانىڭ ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىنى تېخىمۇ ياخشى قوغدىشى ئۈچۈن، ئۇكرائىنانى قوللاشنى كۈچەيتىمىز. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئەنگلىيەنىڭ ۋېرسۇندا ئۆتكۈزگەن يىغىنىدا، بىز ئۇكرائىنا ئۈچۈن تۆت ھاۋالە فوندى قۇرۇشقا قوشۇلغان ئىدۇق. بۈگۈنكى كۈندە بۇ تۆت ھاۋالە فوندى قۇرۇلدى ۋە ھەرىكەتكە كەلدى، بۇ فوندى ئارقا سەپ تەمىناتى، كونترول قىلىش سىستېمىسىغا قوماندانلىق قىلىش، توردا موداپىئەلىنىش ۋە ئەسكەرلەرنى قايتىدىن مەشىق قىلدۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوخشاش بولمىغان ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇندىن باشقا، بىز يېقىندا يەنە بەشىنچى تۈرلۈك ھاۋالە فوندىنى قۇرۇش ئارقىلىق يارىدار بولغان ئەسكەرلەرنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ياردەم بىرىمىز. بۇ فوندى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئۇكرائىنانى قوللىشىدا مەركەزلىك ئايان بولۇپ، ئۇ، ئۇكرائىنا دۆلەت موداپىئە قىسىملىرىنى تېخىمۇ زامانىۋىلاشتۇرىدۇ، تېخىمۇ ئاشكارا قىلىدۇ ۋە ئۈنۈمىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ.

  شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى 2012-يىلى چىكاكو باشلىقلار يىغىنىدا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى رەھبەرلىكىدىكى ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق خەلقئارا بىخەتەرلىككە ياردەم بەرگۈچى قىسىمنىڭ بۇ يىلنىڭ ئاخىرلىرى ئۇرۇش قىلىش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاش، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئافغانىستاننىڭ ھەربىي كۈچىگە بارلىق موداپىئە خىزمىتىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى قارار قىلدى. بۇ يىل ئەنگلىيەنىڭ ۋېرسۇندا ئۆتكۈزۈلگەن باشلىقلار يىغىنىدا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى يەنە ئافغانىستاندا كەلگۈسى ئۇرۇشدىن خالىي ۋەزىپە پىلانىنى جاكارلاپ، بۇنىڭ بىلەن ئافغانىستاندىكى ھەرىكىتىدە يېڭى سەھىپە ئاچتى. ئافغانىستان زۇڭتۇڭى غەنى، باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئابدۇللا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتنىشىشقا ئالاھىدە تەكلىپ قىلىندى. يىغىندىن كىيىن ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، سىتوردىن بىرىك، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستاندىكى ئۇرۇش قىلمايدىغان قەتئىي قوللاش ھەرىكىتىنىڭ 2015-يىلى 1-ئاينىڭ1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. سىتوردىن بىرىك يەنە مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى يىغىندا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ 2015-يىلى ئافغانىستانغا داۋاملىق ھەربىي ئىشلار جەھەتتە ياردەم بېرىدىغانلىقى ھەمدە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستان بىلەن بولغان ئۇزاق مۇددەتلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ كۈچەيتىلىدىغانلىقى قايتا تەكىتلەندى.

  شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر يېڭى ۋەزىيەتتە بىخەتەرلىك خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئەنگلىيەنىڭ ۋېرسۇندا ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش ھەرىكەت پىلانىنى ھاسىل قىلغانلىقىنى، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ئارمىيەسىنىڭ كرىزىسىگە تاقابىل تۇرۇش تېز ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، بىر تېز ئىنكاس قايتۇرۇش قىسىمىنى قۇرۇشنى پىلانلىغانلىقىنى جاكارلىدى. سىتوردىن بىرىك شۇ كۈندىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى بۇ جەھەتتە مۇھىم ئىلگىرلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى، ئەزا دۆلەتلەر ئالدى بىلەن بىر ۋاقىتلىق ئاۋانگارت قىسىم قۇرۇشقا بىردەك قوشۇلدى. بۇ ئىنتايىن مۇھىم، چۈنكى بۇ ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش ھەرىكەت پىلانىدىكى كونكرېت مەزمۇنلار. بىز ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش پىلانىنى ۋاقتىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىجرا قىلىمىز، چۈنكى ئۇ سوغۇق مۇئامىلە ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كىيىن، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ كونكرېت موداپىئە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتىكى ئەڭ مۇھىم تەدبىر، شۇنداقلا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ بىر ئىتتىپاق بولۇش سۈپىتى بىلەن شەرقىي ۋە جەنۇبىي قىسىمدىن كەلگەن تەھدىتكە تاقابىل تۇرۇشىدىكى بىر مۇھىم ئىنكاس بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

  سىتوردىن بىرىك مۇنداق دېدى: ۋاقىتلىق ئاۋانگارت قىسىم ئاساسلىقى گېرمانىيە، گوللاندىيە ۋە نورۋېگىيە ئارمىيەسىدىن تەشكىللىنىدۇ. بىراق ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قىسمىنىڭ كەلگۈسى ئەھۋاللارغا ئۇيغۇنلىشىشى ئۈچۈن تەڭشىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. كىلەر يىلى 2-ئايدا ئېچىلىدىغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت موداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنىدا تېز ئىنكاس قايتۇرۇش قىسىمىنىڭ كۆلىمى ۋە قۇرۇلمىسى قارار قىلىنىدۇ ھەمدە 2016-يىلى قۇرۇلىدۇ.

  شۇ جاينىڭ ۋاقتى 8-دېكابىر 13 يىل داۋاملاشقان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كىيىن، ئامېرىكا بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئافغانىستاندىكى ئۇرۇش قىلىش ۋەزىپىسىنى مۇراسىم خاراكتېرلىك ئاخىرلاشتۇردى.

  خەۋەرلەرگە قارىغاندا، 8-دېكابىر، ئافغانىستاندىكى ئۇرۇش قىلىش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشقا مەسئۇل بولغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارا بىخەتەرلىككە ياردەم بەرگۈچى قىسىمى ئافغانىستاندىن بايرىقىنى چۈشۈرۈپ، ئافغانىستاندىكى ئورۇنلاشتۇرۇشىنى رەسىمى ئاخىرلاشتۇرغان.

  ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق قىسمىنىڭ قوماندانى جون كەبىر شۇ كۈنى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قىسىملىرىنىڭ ئافغانىستاندىكى ۋەزىپىسىنىڭ ئۇرۇش قىلىشدىن ئافغانىستان ئەسكەرلىرىنى مەشىق قىلدۇرۇش ۋە ياردەم بېرىشكە بۇرالغانلىقنى بىلدۈردى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قىسىملىرى ئافغانىستاندا 13 مىڭ ئەسكەر قالدۇرىدۇ. 2011-يىلى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستاندىكى ئەسكىرى سانى 140 مىڭدىن ئاشقان ئىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر