باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

غۇلجىدىن شاڭخەيگە 10-دېكابىردىن باشلاپ بىۋاسىتە پويىز قاتنىدى

2014.12.12 13:23   مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

غۇلجىدىن شاڭخەيگە 10-دېكابىردىن باشلاپ بىۋاسىتە پويىز قاتنىدى

  10-دېكابىر سائەت 10:06 دە غۇلجىدىن شاڭخەيگە بارىدىغان T206/3 قېتىملىق پويىز 1000 دىن ئارتۇق يولۇچىنى ئېلىپ، غۇلجا ۋوگزالىدىن شاڭخەيگە قاراپ يولغا چىقتى، بۇنىڭ بىلەن ئىلى دەريا ۋادىسىدىن ئىچكىرىگە بىۋاسىتە قاتنايدىغان پويىز بولماسلىق تارىخىغا خاتىمە بېرىلىپ، دېڭىز بويىدىكى تەرەققىي قىلغان رايونلارغا تۇتىشىدىغان يول ئېچىلدى.

  غۇلجا ۋوگزالىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گې جىڭنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىپ بېرىشىچە، لىنىيە ئېچىۋېتىلگەن تۇنجى كۈنىدە پويىزدىكى يولۇچىلار يۇرتىغا قايتقان ئىشلەمچىلەر ۋە تۇغقان يوقلايدىغان يولۇچىلارنى ئاساس قىلغان بولۇپ، جېڭجۇغا بارىدىغان يولۇچىلار ئەڭ كۆپ بولغان. بۇ پويىزنىڭ 15-دېكابىردىن بۇرۇنقى بېلىتى سېتىلىپ بولغان، 16-،17-دېكابىرنىڭ بېلىتى ئاز قالغان، 18-دېكابىردىن كېيىنكى بېلەتلەر بىرقەدەر يېتەرلىك ئىكەن. چاغانلىق ۋە تەتىللىك يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە، بۇ پويىزنىڭ غۇلجا-ئۈرۈمچى قاتارلىق قىسقا مۇساپىلىك بېلىتى سېتىلمايدىكەن.

  غۇلجىدىن شاڭخەيگە بارىدىغان T206/3 قېتىملىق پويىز سائەت 10:06 دە غۇلجا ۋوگزالىدىن قوزغىلىدىغان بولۇپ، ئۈچىنچى كۈنى سائەت 17:46 دە شاڭخەيگە يېتىپ بارىدۇ، ئومۇمىي مۇساپىگە جەمئىي 55 سائەت 40 مىنۇت ۋاقىت كېتىدۇ. بۇ لىنىيەنىڭ ئېچىۋېتىلىشى بىلەن ئىلى ئوبلاستىنىڭ ھەر قايسى ناھىيە-شەھەرلىرىدىن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىش ۋاقتى قىسقىراپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەر بىلەن بولغان ئىقتىساد، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت قاتارلىق كۆپ جەھەتتىكى ئالاقە ئالماشتۇرۇش كۈچىيىدۇ. پۇقرالارنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا قولايلىق يارىتىلىپلا قالماي، يەنە يولۇچى توشۇشنىڭ جانلىنىش مەزگىلىدىكى بېلەت سېتىۋېلىش قىيىن بولۇش مەسىلىسى يەنىمۇ يېنىكلەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچى جەلپ قىلىنىپ، غۇلجىنىڭ ساياھەت، يېمەك-ئىچمەك، پارچە سېتىش قاتارلىق ئۈچىنچى كەسىپلىرى مىسلى كۆرۈلمىگەن تەرەققىياتلارغا ئېرىشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·مەرھابا ئاسپىرانت قىزلار، تىرىشچانلىقىڭلارغا ئاپىرىن
      ·تۈركىيە ۋە ئىتالىيە زۇڭلىسى بىرلەشمە مۇخبىرلار يىغىنى ئۆتكۈزدى(1)
      ·تۈركىيەدە بىر ئايال ساقچىلار ئالدىدا ئۇسسۇل ئويناپ ئېتىراز بىلدۈردى(1)
      ·3-نۆۋەتلىك ئۆزتۈرك مۇكاپاتى12-دىكابىر تارقىتىلىدۇ
      ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتى لايىھەسىدىكى مۇستەقىل ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش سىياسىتى ئېلان قىلىنىش …
      ·خۇاۋېي  شىركىتى ئۆزبېكىستاندىكى ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش مۇكاپات پۇلى تارقاتتى(1)
      ·شىنجاڭدا پۇتبول تۈر مەكتەپلىرى ھەر يىلدا بىردىن ئۈچ تۈمەن يۈەنگىچە مەشىق راسخوتى ياردىمىگە ئېرىشىدۇ
      ·ئېلىمىز ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ مائارىپ ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا ئىلھام بېرىدۇ
      ·جۇڭگودىن چەت ئەلدە ئوقۇپ ۋەتەنگە قايتقانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش كۆك تاشلىق كىتابىدا بۇلتۇر چەت ئەلد…
      ·2015-يىللىق مەملىكەتلىك ماگېستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانى 12-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 29-كۈنىگىچە ئېلىنىدۇ