خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-دېكابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:بۇ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۈچۈنچى قېتىم بېيجىڭ خەلقئارا مەدەنىيەت ئىجادىيەت كەسىپلىرى يەرمەنكىسىگە قاتنىشى. شىنجاڭ كۆرگەزمە رايونى« يىپەك يولى ئىقتىساد بەلۋېغى مەركىزىي رايون مەدەنىيەت كۈچى»نى ئاساسىي تېما قىلىپ ، شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە مەدەنىيەت ئىجادىيەت مەھسۇلاتلىرىنى نامايان قىلدى.
مەدەنىيەت مىنىستىرلىكى ،مەملىكەت ئاخبارات-نەشرىيات رادىئو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى ۋە بېيجىڭ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان، بېيجىڭ شەھەرلىك سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى ئۆتكۈزگەن 9-نۆۋەتلىك جۇڭگو بېيجىڭ خەلقئارا مەدەنىيەت ئىجادىيەت كەسىپلىرى يەرمەنكىسى 11- دېكابىر جۇڭگو خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. مەدەنىيەت ئىجادىيەت كەسىپلىرىدىكى خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ، 32 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 50نەچچە چەت ئەل ھۆكۈمىتى ۋە كەسپى ۋەكىللەر ئۆمىكى شۇنداقلا تيەنجىن، خېبېي ، ئەنخۇي، گۇاڭشى، شىزاڭ، چىڭخەي، شىنجاڭ قاتارلىق 25 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە شەھەرنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى كۆرگەزمىگە قاتناشتى .
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى