باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەڭگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەڭگۇڭتىڭى، خەلق قۇرۇلتىيى ئورگىنى، سىياسىي كېڭەش ئورگىنىغا ۋاكالەت ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئىۋەتىدۇ

2014.12.12 16:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پارتىيەنىڭ ئىچكى نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىش، پارتىيەنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن، مەركىزىي كومىتېت مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مەركىزىي كومىتېت بەڭگۇڭتىڭى، مەركىزىي تەشكىلات بۆلۈمى، مەركىزىي تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركىزىي بىرلىكسەپ بۆلۈمى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئورگىنى، گوۋۇيۈەن بەڭگۇڭتىڭى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئورگىنىدىن ئىبارەت يەتتە مەركىزىي كومىتېت ۋە گوۋۇيۈەن ئورگانلىرىدا يېڭىدىن يەتتە ۋاكالەت ئاپپاراتى تەسىس قىلىشنى قارار قىلدى.

  پارتىيە نىزامنامىسىدە بەلگىلىنىشىچە، پارتىيىنىڭ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى خىزمەت ئېھتىياجىغا ئاساسەن، مەركەز دەرىجىلىك پارتىيە ۋە دۆلەت ئورگانلىرىغا پارتىيىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرگۈچىسى ئىۋەتسە بولىدۇ. پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدا، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مەركەز دەرىجىلىك پارتىيە ۋە دۆلەت ئورگانلىرىغا ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئاپپاراتى ئىۋەتىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر