خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-دېكابىر، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك ج خ نازارىتىدە دېلوغا چېتىشلىق قوراللار كۆرگەزمە قىلىنماقتا. شۇ كۈنى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك ج خ نازارىتى 26-سېنتەبىر ئۆلكىدىكى 21 ۋىلايەت-شەھەردە باشلانغان «كۆك ئوقيا 3» مەخسۇس دېلو ھەرىكىتى باشلانغاندىن ھازىرغىچە، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان جىنايەتچىدىن جەمئىي 885 ئادەم، قورالغا چېتىشلىق قاچقۇن جىنايەتچىدىن 15 ئادەم تۇتۇلۇپ، 1069 دانە قورال، 4528 دانە ئوخشىتىپ ياسالغان قورال يىغىۋېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى