باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

نىگېرىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا پارتلاش يۈز بېرىپ ئاز دېگەندە 31 ئادەم قازا قىلدى

2014.12.12 13:05         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  نىگېرىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى پلاتېئائۇ ئىشتاتى جوس شەھىرىنىڭ تېرمىناس رايونىدا 11-دېكابىر كەچقۇرۇن پارتلىتىش ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندىمۇ 31 ئادەم قازا قىلغان، نۇرغۇن ئادەم يارىلانغان.

  ئىگىلىنىشىچە، ۋەقە بۇ رايوندىكى قاتناش تۈگۈنىدە يۈز بەرگەن، ئەينى چاغدا كوچىدا روژدېتسۋالىق مال سېتىۋالغىلى چىققانلار ۋە ئىشتىن چۈشۈپ ئاممىۋى ئاپتوبۇس ساقلاۋاتقانلار بىرقەدەر كۆپ ئىكەن.

  پلاتېئائۇ ئىشتاتى نىگېرىيەدىكى ئوخشىمىغان دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلار ۋە ئوخشىمىغان قەبىلىلەرگە تەۋە كىشىلەر ئارىلاش ئولتۇراقلاشقان رايون. بۇ يىل 20-مايدا جوس شەھىرىنىڭ ئاۋات جايىدىكى تېرمىناس بازىرى ئەتراپىدا ئارقىمۇئارقا ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندىمۇ 18 ئادەم قازا قىلغان، 45 ئادەم يارىلانغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر