باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

167مىڭ مېيىپ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ غەمخورلۇق قۇرۇلۇشىدىن نەپ ئالدى

2014.12.12 13:28         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جاۋ جۈن خەۋەر قىلىدۇ: ‹‹مۇئەللىم، بۇ سىڭلىمنىڭ يوپكىسى بەك چىرايلىق ئىكەن!›› بەش ياشلىق قىزچاق لى شىنيىنىڭ ئۇزۇن جۈملىنى تولۇق سۆزلىيەلىگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئاپىسى لى گۇيخۇانىڭ كۆزىدىن ھاياجانلىق ياشلىرى تۆكۈلدى. بۇ 2 – دېكابىر شىنجاڭ مېيىپلەرنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇلازىمىتى مەركىزىنىڭ تىل بۆلۈمىدە كۆرگەنلىرىم.

  ئىگىلىشىمچە، بۇ مەركەزدە جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭدىكى نامرات ئائىلىلەردىن كەلگەن، سۈنئىي قۇلاق قۇلۇلىسى كۆچۈرۈلگەن يۈزدەك گاس – گاچا بالا سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشىقى قىلىۋېتىپتۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلەر بىرلەشمىسى مېيىپلەرنىڭ ‹‹ھەممە كىشى سالامەتلىكنى ئەسلىگە كە،تۈرۈش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولۇش›› نىشانىنى تېز ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بۇ يىل سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىگە 71 مىليون 80 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ مېيىپ بالىلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ياردەم بېرىش تۈرى، كۆزىگە ئاق چۈشكەن نامرات بىمارلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نامرات مېيىپلەرنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ياردەم بېرىش، غەمخورلۇق قىلىش قۇرۇلۇشى، مېيىپلەرنىڭ قوشۇمچە ئەسۋابلىرىنى ماسلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى، جۇڭگو مېيىپلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەخسۇس لاتارىيە پاراۋانلىق فوندى تۈرى قاتارلىقلارنى يولغا قويدى ھەم ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 24 ناھىيە(شەھەر)دىكى يېزا نوپۇسىدىكى 60 مىڭ بوۋاقنىڭ فېنىل كېتون سىگەكلىك كېسىلى (PKU)، تۇغما قالقانسىمان بەزنىڭ ئىقتىدارى تۆۋەنلەش كېسىلى(CH) ۋە ئاڭلاش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش كېسىلىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى ھەم ئاڭلاش ئىقتىدارى مەڭگۈلۈك توسالغۇغا ئۇچرىغان، دەپ دىياگنوز قويۇلغان بالىلارنى دۆلەتنىڭ گاس – گاچا بالىلارغا ياردەم بېرىش تۈرىگە كىرگۈزدى، بىر قاتار غەمخورلۇق قىلىش قۇرۇلۇشى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 167 مىڭ مېيىپنى نەپكە ئېرىشتۈردى.

  سانجى شەھىرىنىڭ ئەرگۇڭ بازىرى قىزىليۇلتۇز كەنتىدىكى ما جىنخۇڭ 1 – دەرىجىلىك مېيىپ بولۇپ، ئۇ مېيىپلەر بىرلەشمىسى تەشكىللىگەن مەشىقلەندۈرۈش ۋە يۆلەش تۈرىگە قاتنىشىپ، 30 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك ياردەم مەبلىغىگە ئېرىشكەن. ھازىر ما جىنخۇڭ كىچىكرەك دۇكان ئېچىۋالغان بولۇپ، ئۆز ئەمگىكىگە تايىنىپ تۇرمۇشىنى قامداپ كېلىۋاتىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلەر بىرلەشمىسى بۇ يىل شەھەر، يېزىلاردىكى 10 مىڭ 123 مېيىپنى تەربىيەلىگەن بولۇپ، ئەمەلىي تېخنىكا مەشىقى قىلىۋاتقان مېيىپلەر 19 مىڭ 300 ئادەم/قېتىمغا؛ يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقان مېيىپلەر 6074 كە يەتكەن.

  بۇ يىل ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلەر بىرلەشمىسى يەنە قۇلاق ئاسراش كۈنى، مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش كۈنى، خەلقئارا مېيىپلەر كۈنى قاتارلىق مۇھىم بايرام، خاتىرە كۈنلەردە ئالاقىدار نازارەت، ئىدارىلەرگە پائال ماسلىشىپ، ‹‹ئەڭ گۈزەل ئانا – شىنجاڭدىكى مېڭە پارالېچ كېسىلى ۋە ئەقلىي ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغان بالىلارغا غەمخورلۇق يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى›› تۈرى، ‹‹بوشاشماي ئىلگىرىلىگەن، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىگەن چولپان››لارنى باھالاش پائالىيىتى قاتارلىق مېيىپلەرگە نەپ يەتكۈزىدىغان بىر قاتار تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى قانات يايدۇردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلەر بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، كېڭەش باشلىقى جۇ جۈنلىننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 2014 – يىلى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مېيىپلەر ئىشلىرى ئەڭ تېز راۋاجلانغان، مېيىپلەر ئەڭ كۆپ ئەمەلىي نەپكە ئېرىشكەن بىر يىل بولغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر