ئاسىيا كىندىكى تورى خەۋىرى: 11-دېكابىر ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا بۇ قىش كىرگەندىن بۇيانقى تۇنجى تۇمانلىق كۈن بولدى، 10 مىڭدىن كۆپ يولۇچى ئايرودۇرۇمدا تۇرۇپ قالدى، ئۇچماقچى بولغان 115 نۆۋەتچى ئايروپىلان ۋە قونماقچى بولغان 92 نۆۋەتچى ئايروپىلان كېچىكتۈرۈلدى. شۇ كۈنى سائەت 11:15 تىن باشلاپ ئايروپىلانلار ئارقا-ئارقىدىن ئۇچۇشقا باشلىدى، سائەت 18:00گىچە بارلىق ئايروپىلانلار يولغا چىقىپ، تۇرۇپ قالغان يولۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئۆز سەپىرىنى باشلىدى.