باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئېرلاندىيە جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش پۇرسىتىنى قەدىرلەيدۇ

2014.12.11 10:07         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئېرلاندىيە زۇڭتۇڭى مايكول ھىجىنس جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇش ھارپىسىدا شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا: مەن بۇ قېتىمقى زىيارىتىمگە زور ئۈمىد باغلىدىم، بۇ قېتىمقى جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش پۇرسىتىنى ئىنتايىن قەدىرلەيمەن دېگەن ئىدى.

  ھىجىنس رەپىقىسى سابىنانى باشلاپ 7-دېكابىردىن 15-دېكابىرغىچە جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ. بۇ ھىجىنسنىڭ ئېرلاندىيە زۇڭتۇڭى بولغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇشى. ھىجىنس مۇنداق دېدى: مېنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىمنىڭ مەقسىتى ئىككى دۆلەت 2012-يىلى ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈش ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورناتقاندىن بۇيانقى ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنىڭ تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى ئەسلەپ ئۆتۈش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈش ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش پۈرسىتى ۋە مەزمۇنى ئۈستىدە ئىزدىنىش.

  ھىجىنس مۇنداق دېدى: ئىككى دۆلەت ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت ياخشى تەرەققىي قىلدى. ئېرلاندىيە يېڭى«ئاسىيا ئىستراتېگىيىسى»نى يولغا قويغاندا جۇڭگونى ئەڭ مۇھىم ھەمكارلىق شېرىكى قىلىدۇ. بۇ ئېرلاندىيەنىڭ كېيىنكى كىرىزىس مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىدە ئىنتايىن مۇھىم. ئۇ مۇنداق دېدى: ئېكىسپورتنى باشلامچى قىلغان ئىقتىسادىي ئېشىش قېلىپى ئېرلاندىيە ئىقتىسادىنى ئۇزاق مۈددەت گۈللىنىشكە قاراپ ماڭدۇرىدىغان بىردىن بىر چىقىش يول.

  ھىجىنس مۇنداق دەپ ھىسابلىدى: ئېرلاندىيە بىلەن جۇڭگو مائارىپ ساھەسىدە نۇرغۇن ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش پۈرسىتىگە ئىگە. ئۇ مۇنداق دېدى: ئېرلاندىيە خەلقئارادا ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىدىغان تىلغا ئىگە بولۇشتەك ئەۋزەللىككە ئىگە، يەنە تەرەققىي تاپقان ئۇچۇر خەۋەرلىشىش تېخنىكىسى قاتارلىق يۇقىرى پەن تېخنىكا كەسىپىگىمۇ ئىگە، ياۋروپا ئۇچۇر خەۋەرلىشىش تېخنىكىسىنىڭ مەركىزى دەپ تەرىپلىنىدۇ. دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار ئۇچۇر خەۋەرلىشىش تېخنىكىسى كارخانىلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئېرلاندىيەدە تەتقىقات مەركىزى تەسىس قىلغان. ئېرلاندىيەدە ئوقۇسا بىر چەتئەل تىلىنى ئۆگەنگەندىن باشقا، يەنە يەر شارىدىكى ئەڭ ئىلغار چوڭ شىركەتتە پىراكتىكا قىلىش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش پۈرسىتىگە ئىگە بولغىلى بولىدۇ.

  ھىجىنس ئېرلاندىيەدىكى ئەڭ چوڭ يەرلىك كەسىپ بولغان يېمەكلىك ۋە ئىچىملىك ئېكىسپورتىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، ئۆتكەن يىلقى ئېكىسپورت سوممىسىنىڭ تۇنجى قېتىم 10 مىليارد ياۋروغا يەتكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېرلاندىيەنىڭ يېمەكلىك ئىچىملىكلىرىنىڭ جۇڭگوغا بولغان ئىكىسپورتى داۋاملىق ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە سۈت مەھسۇلاتلىرى ئېكىسپورتىنىڭ ئېشىش دەرىجىسى ئەڭ تېز بولدى. جۇڭگو ئېرلاندىيەنىڭ 2-چوڭ سۈت مەھسۇلاتلىرى ئېكىسپورت بازىرىغا ئايلاندى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ كەلگۈسى بىر نەچچە يىلدا بوۋاقلار تەييار سۈت پاراشوگى، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، ئىچىملىك، كالا گۆشى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلىش مىقدارى زور دەرىجىدە ئاشىدۇ، ئېرلاندىيەنىڭ دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى جۇڭگو بازارلىرىدا تېخىمۇ زور ئېكىسپورت بوشلۇقى ۋە تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئىگە بولىدۇ.

  ھىجىنس مۇنداق دەپ ھىسابلىدى: ئىككى دۆلەت يۇقىرى پەن تېخنىكا ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىككى دۆلەتنىڭ بۇ جەھەتتىكى ھەمكارلىقىدا نۆۋەتتە ياخشى باشلىنىش بولدى.

  ھىجىنس جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو ئارزۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: مېنىڭ بۇ قاراشقا نىسبەتەن بىر قەدەر چۈشەنچىم بار. مېنىڭچە جۇڭگو ئارزۇسى دۆلەتنى قۇدەت تاپقۇزۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ۋە خەلقنى بەختلىك قىلدۇرۇشنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى، شۇڭا جۇڭگو ئارزۇسى بىلەن دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت خەلقىنىڭ گۈزەل ئارزۇسى بىر بىرىنى يۈكسەك دەرىجىدە تولۇقلايدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: ئېرلاندىيە بىلەن جۇڭگونىڭ تارىخىدا نۇرغۇن ئوخشاشلىقلار بار، شۇڭا جۇڭگو ئارزۇسى پەقەت جۇڭگو خەلقىنىڭ ئارزۇسى بولۇپلا قالماستىن، ئېرلاندىيە خەلقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت خەلقىنىڭ ئورتاق بەھرىمان بولىدىغان ئارزۇسى.

  ھىجىنس يەنە 2012-يىلى شى جىنپىڭ جۇڭگونىڭ مۇئاۋىن دۆلەت رەئىسى بولغان مەزگىلىدە ئېرلاندىيەدە زىيارەتتە بولغان ئەھۋالنى خۇشال ھالدا ئەسلەپ ئۆتتى. شى جىنپىڭ زىيارەت مەزگىلىدە ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانىنى زىيارەت قىلىپ، ئېرلاندىيە خەلقى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغان گېيىل توپ ۋە دوگۇر توپ ئويۇنىنى كۆرگەن ئىدى. ھىجىنس مۇنداق دېدى: بۇ مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان ئىدى. بۇ جۇڭگو رەھبەرلىرىنىڭ ئېرلاندىيەنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ئىنتايىن قىزىقىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر