- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت زالى ئىش باشلىدى
2014.12.02 09:49 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت زالى 1-دېكابىر سىناق تەرىقىسىدە ئىش باشلاپ، دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى مەمۇرىي ئىجازەت تۈرلىرى ئىلتىماسىنى بىردەك قوبۇل قىلىش، ھۆكۈمەت ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاش ۋە كەسپىي مەسلىھەت بېرىشكە باشلىدى.
دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى لى پياۋمىن مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت زالىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن مەقسەت- تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈرلىرى ۋە تەرەققىيات ئىسلاھات خىزمىتىنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش.
ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت زالىنىڭ نەق مەيداندىكى چۈشەندۈرۈشىدە مۇنۇلار ئېنىق ئوتتۇرغا قويۇلدى: بىردەك قوبۇل قىلىش، جاۋاب بېرىش، توردا ھەرىكەت قىلىش، ھەر ۋاقىت نازارەت قىلىش ئارقىلىق، ئاشكارا تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئاشكارا بولۇش، تەشەببۇسكار مۇلازىمەت قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر