باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسى يىغىن ئېچىپ، 4-ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگەندى

2014.10.27 15:06         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈنۈگۈن جۇڭگو كومپارتىيەسى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسى يىغىن ئېچىپ، پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى مەخسۇس ئۆگەندى ۋە ئىزچىللاشتۇردى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى يۇ جېڭشېڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئەمەلىيەتكە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ بۇرچىنى ئادا قىلىشنىڭ بارلىق جەريانلىرىغىچە ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك، بىرىنچى، باشتىن ئاخىرى جۇڭگوچە سوتسيالىستىك قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش يولىدا مېڭىپ، جۇڭگو كومپارىتيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، خەلقنىڭ ئاساسى گەۋدىلىك ئورنىدا، قانۇن ئالدىدا ھەممە باراۋەر بولۇشتا، دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش بىلەن ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشتە، جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، توغرا سىياسى يۆنلىشنى پۇختا ئىگەللەش كېرەك، ئىككىنچى، سىياسىي كېڭەشنىڭ ئۈستۈنلىكى ۋە رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدىكى زور مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، سىياسى كېڭەشنىڭ سىياسى جەھەتتىن كېڭىشىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، ھاكىميەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۈستىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزۈش فۇنكىسىيەسىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىش لازىم، ئۈچىنچى، بارلىق سىياسى كېڭەش ئەزالىرىنى سوتسيالىستىك قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشنىڭ نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇپ، ئاڭلىقلىق بىلەن قانۇن ئۆگىنىپ، قانۇنغا رائىيە قىلىپ، قانۇنغا ئىشىنىپ، قانۇننى ئىشلىتىپ، قانۇننى قوغداپ، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش قارىشىنى كۈچەيتىپ، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش ئېتىقاتىنى تۇرغۇزۇشقا تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك. تۆتىنچى، سىياسى كېڭەش تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، فۇنكىسىيەسىنى ئادا قىلىشنى تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش ۋە تەرتىپلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك، بەشىنچى، سىياسى كېڭەش ئەزالىرى ئىچىدىكى كومپارتىيە ئەزالىرى بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلار سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسەت بەلگىلىمىلەرگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، سىياسىي جەھەتتە قەتئىي، سىياسىي مەيدانى روشەن، سىياسىي ئۇيۇشۇش كۈچى كۈچلۈك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى لازىم.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئورگان پارتگۇرۇپپىسىمۇ پارتىيەلىك كادىرلار يىغىنىنى ئېچىپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر