باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگونى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچايلى

2014.10.27 15:00         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۇدا نەچچە كۈندىن بۇيان، پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنى كادىرلار ۋە ئامما دىققەت قىلىۋاتقان قىزىق نۇقتىغا، قىزغىن مۇنازىرە قىلىدىغان تېمىغا ئايلاندى. كۆپچىلىك ئاخباراتتىكى ھەر بىر قۇر جۈملىدىن، تاراتقۇلارنىڭ تەھلىل ۋە چۈشەندۈرۈشلىرىدىن يىغىننىڭ روھىنى ئۆزلەشتۈرۈپ، گۈزەل پىلانلارنى تۈزۈپ، كۆڭلىدىكى ئارزۇلىرى ھەققىدە پاراڭلاشتى.

  لياۋنىن ئۆلكىسى فۇشىن موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ما يۇڭشېڭ مۇنداق دېدى: دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا ئاممىدىن قانۇنغا ئەمەل قىلىشنى تەلەپ قىلىپلا قالماستىن، ئەڭ مۇھىمى ھەر دەرىجىلىك ئورگانلاردىن ھاكىميەت ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈش، رەھبىرىي كادىرلاردىن قانۇن بويىچە ئىش قىلىشنى تەلەپ قىلىش كېرەك.

  جياڭشى نەنچاڭنىڭ چىڭشەنخۇ رايونى شاڭخەي يولى كوچىسى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى گو گوفۇ يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئامما خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە كادىرلار ئالدى بىلەن قانۇننى چۈشىنىدىغان بولىشى كېرەك دېدى.

  دېڭىز يۈزىدىن 4520 مېتىر ئىگىزلىكتىكى شىزاڭنىڭ نامسىز كۆل قاراۋۇلخانىسىدا پات ئارىدا قېلىن قار ياغىدۇ، قاراۋۇلخانىدىكى ئوفىتسىر ئەسكەرلەر تور ئارقىلىق ئومۇمىي يىغىننىڭ ئاخباراتىنى ئۆگەندى. ئۇلار:«بىز چېگرا مۇداپئەسىنىڭ 1-سېپىدا تۇرىۋاتىمىز، بىزنىڭ ھەر بىر ھەرىكىتىمىز دۆلەت ۋە ئارمىيىنىڭ ئوبرازىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، بىز قانۇن بويىچە ئەسكەرلەرگە باشلامچىلىق قىلىپ، قانۇن بويىچە مەشق قىلىپ، ئۆز مەسئۇلىيىتىمىزنى ياخشى ئادا قىلىپ، ۋەتەننىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە بىخەتەرلىكىنى قەتئىي قوغدىشىمىز كېرەك»دېدى.

  نىڭشيا خۈيزۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن شۇجىسى تيەن يۈنپېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنىندا قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش مۇساپىسىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلىشى بىزنىڭ ھەر بىرىمىزنىڭ دېمۇكىراتىك ئەركىنلىك ھوقۇقىمىزغا كاپالەتلىك قىلىشتا زور رول ئوينايدۇ.»

  لەنجۇ شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ئاخبارات باشقارمىسىنىڭ باشلىقى لى تەيجۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۆزىمىزلا قانۇننى ئۆگىنىپ، قانۇننى چۈشىنىپلا قالماستىن، بۇندىن كېيىنكى خىزمەتلەردە دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قانۇن ۋە قائىدە بەلگىلىمىلەرنى تەشۋىق قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، قانۇنچىلىق قارىشىنى ھەر بىر كىشىنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇپ، ئورتاق تونۇشقا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر