باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

20 يىلدىن بۇيان ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان 10 نەپەر مەركىزىي كومىتېت ئەزاسىدىن 8 نەپىرىنىڭ خىيانەت قىلىپ چىرىكلەشكەنلىكى ئاشكارىلاندى

2014.10.24 16:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: ئەمدىلا ئاياقلاشقان 18-نۆۋەتلىك 4-ئومۇمىي يىغىندا ج ك پ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ لى دۇڭشېڭنىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسى ۋە جياڭ جيېمىننىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسى توغرىسىدىكى تەكشۈرۈش دوكلاتى قاراپ چىقىلدى ۋە ماقۇللاندى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ياڭ جىنشەننىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسى توغرىسىدىكى تەكشۈرۈش دوكلاتى قاراپ چىقىلدى ۋە ماقۇللاندى، مەركىزىي سىياسىي بىيۇرونىڭ 3 كىشىگە پارتىيەدىن چېكىندۈرۈش جازاسى بەرگەنلىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى.

  مۇخبىرنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، 1995-يىل 9-ئايدىكى 14-نۆۋەتلىك 5-ئومۇمىي يىغىندىن بۇيان، 20 يىلدا 10 مەركىزىي كومىتېت ئەزاسى مەركەز ئومۇمىي يىغىنىدا ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان بولۇپ، ئۇلار چېن شىتۇڭ، تيەن فېڭشەن، چېن لياڭيۈ، يۈ يوۋجۈن، كاڭ رىشىن، بو شىلەي، ليۇ جىجۈن، لى دۇڭشېڭ، جياڭ جيېمىن ۋە ياڭ جىنشەن قاتارلىقلار.

  ئۇنىڭ ئىچىدە خىزمەتتىن قالدۇرۇلۇش بىلەن بىرگە پارتىيەدىن چېكىندۈرۈلگەنلەر 8 كىشى بولۇپ، ئۇلار تيەن فېڭشەن، چېن لياڭيۈ، كاڭ رىشىن، بو شىلەي، ليۇ جىجۈن، لى دۇڭشېڭ، جياڭ جيېمىن ۋە ياڭ جىنشەن قاتارلىقلار .

  ھازىرغىچە ھۆكۈمەت تەرەپ ئېلان قىلغان خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، چېن شىتۇڭ، تيەن فېڭشەن، چېن لياڭيۈ، كاڭ رىشىن، بو شىلەي، ليۇ جىجۈن، لى دۇڭشېڭ، جياڭ جيېمىنلارنىڭ خىيانەتچىلىك ۋە پارىخورلۇق قىلمىشلىرى بار ئىكەن. ياڭ جىنشەننىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش ئەھۋالى تېخى نامەلۇم ئىكەن. (جيا يۆ خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر